Uyghur←ChineseMain Dictionary
شېرشېس
Domain: دۇنيا تارىخى泽尔士一世
zé ěr shì yí shì
(مىلادىدىن ئىلگىرى 486 - 465) قەدىمقى پىرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى(مىلادىدىن ئىلگىرى 486 - 465). دارىئوس Ⅰ نىڭ ئوغلى. تەخىتكە چىققان دەسلەپكى يىللىرى مىسىر، بابىلون قاتارلىق جايلاردىكى پىرسىيىگە قارشى قوزغىلاڭلارنى باستۇرغان. مىلادىدىن 480 يىل ئىلگىرى(يۇنان - پىرسىيە ئۇرۇشىدا)، دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى باشلاپ يۇنانغا جازا يۈرۈشى قىلغان. تېرموپۇلې (ئارشاڭ ئېغىزى) جېڭىدە غەلىبە قىلغان. سپارتا پادىشاھى لېئوندا جەڭدە ئۆلگەن. ئافىناغا قوشۇن تارتىپ كىرىپ بۇلاپ - تالىغان. سالامى دېڭىزئۇرۇشىدا قاتتىق يېڭىلىپ ئۇرۇش كېمىلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئالدىراپ دۆلىتىگە قايتقان؛ ماردىنىئوستا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسىنى باشلاپ ئوتتۇرا يۇنانغىچە بارغان. مىلادىدىن 479 يىل ئىلگىرى، قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى بېئوتىيىنىڭ پلاتې دېگەن جايدا، دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ قالدۇق قىسمى كىچىك ئاسىيانىڭ مۇكالې دېڭىز تۇمشۇقىدا مەغلۇپ بولغان؛ شۇنىڭدىن كېيىن، يۇنانلىقلار قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن. شېرشېس ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بەكمۇ زوراۋانلىق قىلغانلىقتىن ئوردا سۈيقەستىدە ئۆلتۈرۈلگەن.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.