Uyghur←ChineseMain Dictionary
شرودىنگېر
Domain: دۇنيا تارىخى薛定谔
xuē dìng è
(1887 - 1961) ئاۋسترالىيىلىك فىزىك. كۋانت مىخانىكىسى ئاساسچىلىرىنىڭ بىرى. ۋېنادىكى بىر زاۋۇت خوجايىنى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. ۋېنا داشۆسىدە خاسېنۇرلدىن ئۆگىنىپ دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئىگە بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋاقتىدا چاقىرىق بويىچە ئەسكەرلىككە كىرگەن. ئۇرۇشتىن كېيىن ۋېنا 2 - فىزىكا تەتقىقات ئورنىدا ئىشلىگەن. 1921 - يىلدىن كېيىن ئۇزاق مۇددەت چەتئەلدە ئوقۇتقۇچىلىق ۋە تەتقىقات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان. 1956 - يىلى ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن، ۋېنا داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. فرانسىيە فىزىكى دې بروگلېي (1892 - ؟)نىڭ ماددىي دولقۇن توغرىسىدىكى نەزەرىيىسى ئاساسىدا دولقۇن مېخانىكىسىنى ياراتقان. ئۇنىڭ <شىرودىنگېر تەڭلىمىسى>كۋانت مېخانىكىسىدا مىكرو زەررىچە ھەرىكىتى ھالىتىنى بايان قىلىشىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بولۇپ، ئۇنىڭ كۋانت مېخانىكىسىدىكى ئورنىنى نيۇتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنىنىڭ كلاسسىك مېخانىكىدىكى ئورنىغا سېلىشتۇرغىلى بولىدۇ. ئۇ ئاتوم ھەققىدىكى نەزەرىيىنى تەرەققى قىلدۇرغانلىقى ئۈچۈن، 1933 - يىلى ئەنگلىيە فىزىكى دىرىك (1902 - ) بىلەن بىرلىكتە نوبېل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان. ئاۋسترىيە ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ نامىدا مۇكاپات تەسىس قىلغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.