UyghurMain Dictionary
شىرىماق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىر _ بىردىن ئايرىم نەرسىنى ياكى يىرتىلىپ، ئايرىلىپ كەتكەن نەرسىنى يىڭنە يىپ بىلەن قوشماق ۋە پۈتۈنلىمەك.
« تەپچىمەك »،« كۆكلىمەك » ئاراچ قالدۇرۇپ شالاڭ _ شالاڭ تىكىشنى، « شىرىماق » يول _ يول چىقىرىپ تىكىشنى كۆرسىتىدۇ.
شاكىچىك تىككەن توقۇمنىڭ ئالدى _ كەينىنىڭ پەرقى يوق. كىيىم تىكسەڭ، ئۆلچەپ تىك. چاپاننى تەپچىۋېلىپ، ئاندىن تىكسەڭ، تۈز چىقىدۇ. كۆكلىگەن يەر كۆرۈنمەيدۇ. يوتقان شىرىش بىر ھۈنەر.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
يوتقان ياكى پاختىلىق چاپان قاتارلىقلارنىڭ ئىچىدىكى پاختا ياكى يۇڭنىڭ بۆلۈنۈپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يىڭنە ياكى تىكىش ماشىنىسى بىلەن تىكمەك.
ئۇ يوتقانلىرىمنى شىرىپ، كىرلىرىمنى يۇيۇپ بەرگەنىدى.