UyghurMain Dictionary
شىراق
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئادەم ۋە ھايۋانلارنىڭ پۇتىنىڭ تىزدىن تۆۋەنكى قىسىمى.
«ماشقاق» قۇمۇل شېۋىسىدە قوللىنىلىدۇ.
«پايچەك»خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
كاللا - پاچاق يېمەيمەن، چىشنىمۇ چاقمايمەن. بېشى باش بولسۇن، پاقالچىقى تاش. شىرىقىدىن پۈۋلىسە، سەمرىدىغانلار بار.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
پاچاق؛ مىلتىقنى ئاتىدىغان چاغدا تىرەپ تۇرىدىغان ئاچا ياغاچ. مەسىلەن: قوينىڭ شىرىقى؛ شىراقلىق مىلتىق.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
جانلىقلار پاچىقىنىڭ تىزدىن ئوشۇققىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىسمى.
قوينىڭ شىرىقى.
مىلتىقنى ئاتىدىغان چاغدا تىرەپ تۇرىدىغان ئاچا ياغاچ ياكى تۆمۈر.
ئۇلار ئايلىنىپ يانغا ئۆتتى - دە، مىلتىقلىرىنىڭ شىراقلىرىنى يەرگە سانجىپ، تەپكىنى قايرىپ پىستان باستى.
گىلەمچىلىكتە دۇكاننى ئېگىزلىتىپ پەسلىتىش ئۈچۈن پاچاقنىڭ ئۈستى تەرىپىگە چىقىرىلغان، ئۈستى گۇندىغا كىرىپ تۇرىدىغان ئەركەك تۇرۇم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
قوي ـ كالىلارنىڭ قارا يىلىكى جايلاشقان سۆڭەك. قەدىمدە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن چىققان بىر قەھرىماننىڭ نامى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
قوي-كالىلارنىڭ قارا يىلىكى بار سۆڭەك. قەدىمدە تۈركىي خەلقلەر ئىچىدىن چىققان قەھرىماننىڭ ئىسمى.