Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىقىلداق
ئۆسۈملۈك
南沙参
nán shā cānDئۇنىۋېرسال
沙参
shā shēnDئورمانچىلىق
沙参
shā shēn
شىنجاڭنىڭ ئۆسۈملۈكلىرى
沙参
shā shēn
بۇ قوڭغۇراقگۈللۈكلەر ئائىلىسىدىكى كۆپ يىللىق سامان غوللۇق، شىقىلداققا ئۇرۇقداش
ئۆسۈملۈك بولۇپ، تۈۋىدىن تىك ئۆسىدۇ. ئېگىزلىكى 50 - 001 سانتىمېتىر كېلىدۇ؛ يىلتىزى توم، كۇنۇس شەكلىدە، سىرتقى پوستى توق خورما
رەڭدە بولىدۇ؛ يوپۇرمىقى نۆۋەتلىشىپ ئۆسكەن، شەكلى تۇخۇمسىمان ياكى تېمىنىسىمان بولۇپ، گىرۋىكى رەتسىز ھەرە چىشلىق كېلىدۇ؛ گۈل
رېتى كونۇسسىمان بولۇپ، ئۇچىدا ئۆسىدۇ. گۈلى سۇس كۆكۈش سۆسۈن، قوڭغۇراق شەكىللىك بولىدۇ. غوزا مېۋىسى تۇخۇمسىمان يۇمىلاق بولىدۇ.
دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ يىلتىزى ئىشلىتىلىدۇ.
بۇ ئۆسۈملۈكنى باھار ۋە كۈزدە قېزىۋېلىپ، سىرتقى پوستىنى سويۇۋېتىپ، پاكىز
يۇيۇپ، نېپىز يالپاقلاپ توغراپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىڭ تاغلىق جايلىرىدىكى كۈنگەي تاغ باغرى ۋە
چىمەنلىكلەردە ئۆسىدۇ.
ھۆل سوغۇق.
توسالغۇلارنى ئېچىش، ئۆپكىنى تازىلاش، خىلىت ھاسىل قىلىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.
ئەھۋالغا قاراپ 15 ~ 20 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ.
20 گرام شىقىلداقنى سەككىز گرام ئۆرۈك مېغىزى، 12 گرام تەڭگىيوپۇرماق، سەككىز گرام چۈچۈكبۇيا بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە
ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، كاۋاكلىق ئۆپكە سىلىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.
12 گرام شىقىلداقنى 10 گرام ئۈجمە يوپۇرمىقى، 12 گرام گۈلسامساق، 20 گرام غاز ئوتى بىلەن قوشۇپ سۇدا قاينىتىپ كۈنىگە ئىككى 1 ~ 2
قېتىم، ھەر قېتىمدا مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرسە، قان تۈكۈرۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ.
شىقىلداقنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستېمال قىلىپ بەرسە، ئۆپكىنى تازىلايدۇ.
شىقىلداقنى دەملەپ ئىچىپ بەرسە، ھەرخىل ئۆپكە كېسەللىكلىرىگە مەنپەئەت قىلىدۇ.