Chinese→UyghurMain Dictionary
授权法
دۇنيا تارىخى
ھوقۇق بېرىش قانۇنى
يەنى <خەلقنى ۋە دۆلەتنى ئازابتىن قۇتقۇزۇش قانۇنى> ناتسىستلار گېرمانىيىسىنىڭ فاشىستىك مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەش قانۇنى. گىتلېر تەختكە چىققاندىن كېيىن، ھوقۇق بېرىش قانۇنىنى ئېلان قىلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. 1933 - يىل 3 - ئاينىڭ 23 - كۈنى گېرمانىيە پالامېنتى ماقۇللىغان بۇ قانۇندا ھۆكۈمەتكە پارلامېنتنىڭ ۋە فېدېراتىپ كېڭەشنىڭ رازىلىقىنى ئالمايلا دۆلەت قانۇنى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ ھۆكۈمەتكە ئاساسىي قانۇنغا مۇۋاپىق كەلمەيدىغان قانۇنلارنى تۈزۈش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ ھۆكۈمەتكە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتكۈزمەيلا ئۆزى چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە ئىمزالاش ھوقۇقى بېرىلگەن؛ پارلامېنتنىڭ خام چوت لايىھىسىنى ماقۇللاش، ھۆكۈمەتنىڭ كرېدىت سىياسىتى ۋە زايوم سىياسىتىگە نازارەت قىلىش ھوقۇقىدىن ۋاز كېچىشى بەلگىلەنگەن ۋە باشقىلار. مۇددىتى تۆت يىل قىلىغان. شۇنىڭ بىلەن، پارلامېنتنىڭ قانۇن چىقىرىش ھوقۇقى، ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى ۋە چەت ئەللەر بىلەن شەرتنامە تۈزۈش ھوقۇقى قاتارلىقلار ئىچكى كابىنېتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. <ۋېيمار ئاساسىي قانۇنى> ئەمەلىيەتتە بىكار قىلىنغان. 1937 - 1941 - يىلى ناتسىستلار پارتىيىسى پارلامېنتنى قولغا كىرگۈزۈۋېلىپ، مەزكۇر قانۇننىڭ مۇددىتىنى ئىككى قېتىم ئۇزارتقان.
قانۇن
shòu quán fǎ
ھوقۇق بېرىش قانۇنى