Uyghur←ChineseMain Dictionary
شومېت
دۇنيا تارىخى
肖梅特
xiāo méi tè
(1763 - 1794) فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابىدىكى ياكوبىنچىلارنىڭ سولقانات داھىيىسى. موزدۇز ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. پراكتىكانت ماتروس بولغان. كېيىن تىبابەتچىلىكنى ئۆگەنگەن. 1789 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، كوردېلېر كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1792 - يىلى 10 - ئايدىن 1794 - يىلى 4 - ئايغىچە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ تەپتىش باشلىقى بولغان. ئاددىي پۇقرالارنىڭ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىپ، رادىكال يەر پروگراممىسىنى ئوتتۇرغا قويغان. دۆلەتنىڭ زاۋۇت خوجايىنلىرىنىڭ قولىدىكى قول سانائەت ئىشخانىلىرىنى تارتىۋېلىشنى، ئەڭ يۇقىرى باھا چىكى بويرۇقىغا بويسۇنمىغان سودا ماگېزىنلىىرنىڭ مال - مۈلكىنى تارتىۋېلىشنى تەكلىپ قىلغان. ئىدراك ئېتىقادچىلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، كاتولىك چېركاۋلىرىغا قارشى چىققان. مائارىپ ۋە جامائەتسەھىيە ئىشلىرىغا ئائىت دېموكراتىك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ، تەڭ تەقسىماتچىلىق تەشەببۇسلىرىنى پائال تەشۋىق قىلغان. ياكوبىن دىكتاتۇرىسى مەزگىلىدە، 1794 - يىلى 4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى ئۆلتۈرۈلگەن.