Uyghur←ChineseMain Dictionary
شېنوفان
دۇنيا تارىخى
色诺芬尼
sè nuò fēn ní
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 570 - 480) قەدىمكى يۇنان پەيلاسوپى. كىچىك ئاسىيادىكى كولوپوندا تۇغۇلغان. 25 يېشىدا جەنۇبىي ئىتالىيىگە كۆچۈپ بېرىپ(قېچىپ بارغان دېگەن گەپمۇ بار)، بىر مەزگىل ئېلېيەدە تۇرغان. ئادەتتە <ئېلېيە ئىلمىي ئېقىمى>غا ئاساس سالغۇچى دەپ قارىلىپ كەلمەكتە، لېكىن يەنە بەزىلەر ئۇنىڭ ئىدىيىس بىلەن بۇ ئېقىمغا تەۋە ئەمەس ئىدى، دەپمۇ قارايدۇ. ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان <تەربىيە توغرىسىدا شېئىرلار>، <تەبىئەت ھەققىدە> قاتارلىقلارنىڭ پارچىلىرىدىن قارىغاندا، ئۇنى ئېتىكا پەيلاسوپى، قوشۇمچە شائىر دېگەن مۇۋاپىق. ئۇ قەدىمكى يۇناندا ئومۇنيۈزلۈك تارقالغان <تەڭرى بىلەن ئادەم ئوخشاش شەكىل، ئوخشاش جىنىستا بولىدۇ> دېگەن قاراشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ، گومېر بىلەن ھېسىئود ئوغرىلىق، نومۇسىغا تىگىش، ئالدامچىلىق قاتارلىق بۇ دۇنيادىكى بۇزۇقچىلىقنى خۇدا دۆڭگەپ قويدى، بۇنى ئۈلگە قىلغىلى بولمايدۇ، دېگەن. پان ئىلاھچىلىق تەرەپدارى بولۇپ، تەڭرى - ئالەم، تىرىك تەبىئەت؛ تەڭرى ھەممىگە قادىر، ئۇ بىردەكلىككە ۋە ئۆزگەرمەسلىككە ئىگە دەپ ھېسابلىغان. ئۇ<مۇبادا كالا ۋە شىردىمۇ بىرجۈپ قول بولغان بولسا، ئۇلارمۇ ئادەمگە ئوخشاش بەدىئىي ئەسەرلەرنى ياراتقان بولاتتى، ئۇ ھالدا ئوخشاشلا تەڭرىنى سۈرەتلەپ چىققان ھەمدە ئۆزلىرىنىڭ تەن شەكلىنى تەڭرىگە بەخش ئەتكەن بولاتتى>دېگەن. ھەممە (جۈملىدىن ئىنسانلارمۇ) توپا بىلەن سۇدىن پەيدا بولغان، دېگەننى تەشەببۇس قىلغان.