UyghurMain Dictionary
شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي
Domain: شىنجاڭدىكى بىر قىسىم ژۇرناللارشىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى< (پەلسەپە - ئىجتمائىي پەن قىسمى) - پەسىللىك ئىلمىي ژۇرنال بولۇپ، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشر قىلىدۇ، >شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى< تەھرىر بۆلۈمى نەشرگە تەييارلايدۇ. بۇ ژۇرنال 1977 - يىل 1 - ئايدا قەرەلسىز، ئىچكى قىسىمدا نەشر قىلىنشقا باشلىغان، 1984 - يىلدىن تارتىپ بىر تۇتاش، ئاشكارا تارقىتىلغان. ژۇرنالدا پەلسەپە - ئىجتمائىي پەنلەر ھەققىدىكى تەتقىقاتلار قاتارىدا ئەدەبىيات ھەققىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئورۇن بېرىلىدۇ. ژۇرنالدا ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىيات تارىخىغا، ئۇيغۇر كلاسسىك ئەدەبىياتىغا دائىر تەتقىقات ماقالىلىرى، ئەدەبىيات نەزەرىيىسىگە، ئەدەبىيات مەسىلىلىرىگە دائىر ماقالىلەر، مەشھۇر يازغۇچىلار ھەققىدىكى ماقالىلەر، ئەدەبىياتشۇناسلىققا دائىر ئېلان ماقالىلەر ئېلان قىلىنىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.