Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىموياما ۋەقەسى
Domain: دۇنيا تارىخى下山事件
xià shān shì jiàn
ياپونىيە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈريولنىڭ باشلىقى شىموياما سادانورىنىڭ تۇيۇقسىز يوقاپ كېتىپ ئۆلۈپ كەتكەنلىك ۋەقەسى. دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تۆمۈريول خىزمەتچىلىرىنى كۆپلەپ قىسقارتىش توغرىسىدا قارار قىلىنىپ، <دۆلەت تۈمۈريول> ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا قارشى كۆرەش ئېلىپ بارماقچى بولغان پەيتتە، 1949 - يىل 7 - ئاينىڭ 5 - كۈنى شىموياما سادانورى تويۇقسىز يوقاپ كېتىپ، ئىككىنچى كۈنى ئۇنىڭ جەسىتى چاڭپەن لىنىيىسىدىكى لېنلەي ۋوگزالىنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان. بۇ دېلو ئۈستىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغان ۋە باشقىلار تەرپىدىن ئۆلتۈرۋىتىلگەن دېگەن ئىككى خىل كۆزقاراش بولغان. دائىرىلەر ئۇزاق ئۆتمەيلا سۈرۈشتە قىلىشنى توختىتىپ، بۇ ۋەقەنى مىتاكا ۋەقەسىگە ئوخشاشلا سول قاناتكۈچلەر پەيدا قىلغان تېررورلۇق ۋەقە دەپ قارغانلىقتىن، شۇ چاغدىكى ياپونىيە ئىشچىلارھەرىكىتى ۋە <دۆلەت تۆمۈريول> ئىشچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ خىزمەتچىلەرنى قىسقارتىشقا قارشى كۈرىشى زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.