UyghurMain Dictionary
شىمال ئۇرۇشى
دۇنيا تارىخى
1700 - 1721 - يىللىرى روسىيىنىڭ بالتىق دېڭىزى ئېغىزىنى قولغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن شۋېتسىيە بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇرۇش. 1700 - يىلى 8 - ئايدا روسىيە شۋېتسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان. 35 مىڭكىشىلىك رۇس ئارمىيىسى نارۋاغا ھۇجۇم قىلىپ، كەينى - كەينىدىن مەغلۇپ بولغان؛ روسىيىنىڭ ئىتتىپاقچىلىرى پولشا، ساكسونىيە ۋە دانىيىلەر مەغلۇپ بولۇش سەۋەبىدىن ئارقا - ئارقىدىدىن ئۇرۇشتىن چېكىنىپ چىققان. 1702 - يىلى رۇس نارۋىلارنى ئىشغال قىلغان. 1709 - يىلى پولتاۋا ئۇرۇشىدا شۋېتسىيە ئارمىيسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتكەن. پولشا، دانىيىلەر روسىيە بىلەن ئىتتىپاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، قايتىدىن ئۇرۇشقا قاتناشقان. كېيىن خانگۆت دېڭىز ئۇرۇشى ۋە گرېنگام دېڭىز ئۇرۇشىدا روسىيە فلوتى شۋېتسىيە فلوتىنى يەنە يەڭگەن.1720 - يىلى رۇس ئارمىيسى شۋېتسىيىدە قۇرۇقلۇققا چىققان، كېيىنكى يىلى <نىشىتادت سۈلھ شەرتنامىسى> ئىمزالانغان. روسىيە بالتىقبويلىرىدىكى كەڭ رايونلارغا ۋە دېڭىزغا چىقىش ئېغىزىغا ئىگە بولغان.