Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىمالىي ياۋرۇپا كېڭىشى
Domain: دۇنيا تارىخى北欧理事会
běi ōu lǐ shì huì
شىمالىي ياۋرۇپادىكى دانىيە، ئىسلاندىيە، نورۋىگىيە، شۋېتسىيە ۋە فىنلاندىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كېڭىشىش - مەسلىھەتلىشىش ئورگىنى. دانىيە، نورۋىگىيە، ئىسلاندىيە ۋە شۋېتسىيە ۋەكىللىرىنىڭ1951 - يىلى 12 - ئاينىڭ 5 - كۈنى ستوكھولمدا ئىمزالىغان <شىمالىي ياۋۇپا كېڭىشى نىزامنامىسى>گە بىنائەن، 1953 - يىل 2 - ئاينىڭ 13 - كۈنى كوپىنھاگىندا ئېچىلغان بىرىنچى نۆۋەتلىك يىغىندا رەسمىي قۇرۇلغان. فىنلاندىيە 1955 - يىل 10 - ئاينىڭ 28 - كۈنىقاتناشقان. كېڭەشنىڭ مەقسىتى شىمالىي ياۋرۇپادىكى ھەرقايسى ئەللەرنىڭ مەنپەئىتىگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىشتىن ئىبارەت. كېڭەش ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنتى ئەۋەتكەن 78 نەپەر ۋەكىل (ئىسلاندىيە ئالتە ۋەكىل، قالغان تۆت دۆلەتنىڭ ھەرقايسىسى 18 نەپەردىن ۋەكىل)دىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قارىمىقىدا ئىقتىساد، مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە مۇھىت، قانۇن، قاتناش ھەيئەتلىرى تەسىسقىلىنغان
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.