UyghurMain Dictionary
شېللىڭ
دۇنيا تارىخى
(1775 - 1854)، گېرمانىيىلىك كلاسسىك ئىدېئالىستىك پەيلاسوپ. ۋيۇرتېمبېرگتىكى لېئونبىگ پروتېستانت پوپىنىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. 1790 - 1795 - يىللاردا تيۇبىنگېن داشۆسىدە پەلسەپە ۋە ئىلاھىيەت ئۆگەنگەن. 1798 - 1826 - يىللاردا يېنا داشۆسى. ميۇنخېن داشۆسى، ئېرلانگېن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان. 1827 - يىلىدىن باشلاپ باۋارىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ باشلىقى بولغان. 1841 - يىلى بېرلىن داشۆسىنىڭ پروفېسسورى بولغان ھەمدە بېرلىن پەنلەر ئاكادېمىيىسنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. يەنە پرۇسسيە ھۆكۈمتىنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغان. ياش ۋاقتىدا فرانسىيە بۇرژۇئازىيە ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، فېئوداللىققا قارشى ئىدىيىدە بولغان. 1800 - يىلدىن كېيىن سىياسىي كۆز قارىشى كۈنسايىن ئەكسىيەتچىلەشكەن. ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى <تەبىئەت پەلسەپىسى>، <ئوخشاشلىق پەلسەپىسى> ۋە <ئويغىتىش پەلسەپىسى> دىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈگەن. <تەبىئەت پەلسەپىسى>دە،تەبىئەت دۇنياسىدىكى بارلىق نەرسىلەرنى <ئالەم روھى> مۇئەييەن مەقسەت بويىچە ياراتقان، دەپ قارىغان. ئەمما شەيئىلەرنىڭ ھەرىكىتى ۋە تەرەققىياتىنىڭ تۈپ سەۋەبى زىددىيەتنىڭ قارىمۇ قارشىلىقى دەپ قاراپ، ئىدېئالىستىك <تەبىئەت پەلسەپىسى> ئەقىلغا مۇۋاپىق دىئالىكتىكىلىق ئىدىيىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. <ئوخشاشلىق پەلسەپىسى>دە سۇبىكتىپ بىلەن ئوبىكتىپ، <مەن> بىلەن <غەيرىي مەن>، تەپەككۈر بىلەن مەۋجۇدىيەت بىرلا ۋاقىتتا <مۇتلەق ئوخشاشلىق> مەنبەسىدىن باشلانغان، دەپ قارىغان. ئۇنىڭ ماھىيىتى ئالەمنى خۇدا ياراتقان دېگەن تەلىماتنىڭ كۆچۈرۈلمىسىدىن ئىبارەت. 1804 - يىلىدىن كېيىن ئۇنىڭ پەلسەپە ئىدىيىسى كۈنسايىن دىنى سىرلىقلاشتۇرمىچىلىق - <ئويغىتىش پەلسەپىسى> گە يۈزلەنگەن. ئۇ دىن پەندىن يۇقىرى تۇرۇدۇ، دېگەننى تەرغىپ قىلىپ، خۇدانىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئاشكارا ئىسپاتلاپ، ياش گېگېلچىلارنىڭ دىننى تەنقىد قىلىشى بىلەن قارشىلاشقان. ئۇنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرى ئىدېئولوگىيە جەھەتتە پرۇسسىيە ئەكسىيەتچىل ھۆكۈمىتىنى قوللاش رولىنى ئوينىغان. ئۇنىڭ ئەسەرلىرى <تەبىئەت پەلسەپىسى سېستىمىسى ھەققىدە دەسلەپكى كۇپىيە>،<ئەزەلىلىك ئىدېئالىزم سىستېمىسى>، <ئالەمنىڭ روھى>، <مېنىڭ پەلسەپە بايانلىرىم> ۋەئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئوغلى رەتلەپ نەشىر قىلدۇرغان <ئەپسانىلەر ۋە ئويغىتىش پەلسەپىسى> قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.