Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىلىفېن پىلانى
دۇنيا تارىخى
史里芬计划
shǐ lǐ fēn jì huà
گېرمانىيەنىڭ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تۈزگەن ستراتىگىيىلىك پىلانى. 1905 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى شىلىفېن تۈزگەن. ئۇنىڭ ستراتىگىيىلىك نەزەرىيىسى تېز ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىشتىن ئىبارەت. گېرمانىيە شەرقىي ۋە غەربىي سەپلەردە ئوخشاش بىر ۋاقىتتا روسىيە بىلەن فرانسىيىگە قارشى ئۇرۇش ئاچقاندا، ستراتىگيىلىك مۇھىم نۇقتىسىنى غەربىي سەپكە قويۇپ، شەرقي سەپتە مۇداپىئەلىنىشى كېرەك، ئالدى بىلەن غەربىي سەپتە كۆپ قىسىم ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، ئالدىن قول سېلىش ۋاستىسى بىلەن 4 - 6 ھەپتە ئىچىدە فرانسىيىنى يېڭىش، ئاندىن كېيىن پۈتۈن كۈچى روسىيىگە زەربە بېرىپ، 3 - 4 ئاي ئىچىدە پۈتكۈل ئۇرۇشنىڭ غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك، دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. شۇڭلاشقا بۇ پىلانغا غەربىي سەپكە 58 پىرسەنت ئەسكىرىي كۈچىنى، يەنى 78 دىۋىزىيىنى كىرگۈزۈش ھەمدە مېشنى مەركەز قىلىپ،غەربىي سەپنى سول ۋە ئوڭ قاناتقا ئايرىپ، سول قاناتتىكى ئالساس - لورېيىن رايونىدا سەككىز دىۋىزىيىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، فرانسىيىنىڭ ئاساسىي كۈچىدىن مۇداپىئەلىنىش؛ ئوڭ قاناتتا 70 دىۋىزىيە ئورۇنلاشتۇرۇپ بىتەرەپ دۆلەت بېلگىيە ۋە گوللاندىيە ئارقىلىق فرانسىيىنىڭ شىمالىي چېگرىسىنى بۆسۈپ ئۆتۈش؛ سېنا دەرياسىدىن بۆسۈپ ئۆتۈپ پارىژنى قورشاش، ئۇنىڭدىن كېيىن يەنە شەرققە يۈزلىنىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ سول قانىتى بىلەن بىرلىكتە فرانسيە ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىگە قارىتا ئىسكەنجىلەش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، فرانسىيە ئارمىيىىسىنى بىر يولىلا يوقىتىش بەلگىلەنگەن. دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھارپىسىدا ۋەزىيەتنىڭ ئۆزگىرىشگە ئەگىشىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ باش شتاب باشلىقى بولغان مولتكې بۇ پىلاندىكى ئەسكىرىي كۈچلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلىشىغا قارىتا بەزىبىر ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزگەن. 1914 - يىلى 9 - ئاينىڭ باشلىرىدا، گېرمانىيە ئارمىيىسى مارن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ، ئۇرۇش مەيدانىدا تىركىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەن. شۇنىڭ بىلەن شىلىفېن پىلانى بەربات بولغان.