UyghurMain Dictionary
شى كۇڭبىن
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
(1927 - 1993) جۇڭگودىكى ئاخۇن، بېيجىڭلىق، خۇيزۇ. سەككىز يېشىدا تيەنچاۋ مەسچىتىگە كىرىپ دىن ئوقۇدى. كېيىن خۇيزۇلار ئىنستىتۇتىدا ئوقۇدى. 1950 - يىلى 10 - ئايدا ئوقۇشنى پۈتتۈرۈپ، خېبېي داشەن ناھىيىسىنىڭ شياۋگۇاڭ كەنتى، بېيجىڭدىكى تاڭداۋ خۇتۇڭ، خۇاسى، تيەنچاۋ، دۇڭپەيلۇ، شىدەن، نيۇگەي قاتارلىق جايلاردىكى مەسچىتلەردە 43 يىل ئاخۇن بولدى. 1961 - يىلى 12 - ئايدىن 1965 - يىلى 1 - ئايغىچە جۇڭگو ئىسلام دارىلفۇنۇنىنىڭ تەتقىقات سىنىپىدا ئوقۇدى. 1986 - يىلى بېيجىڭ شەھەرلىك ئىسلام دارىلفۇنۇنىنىڭ مۇدىرى بولدى. 10 نەچچە ئىسلام دۆلىتىنى زىيارەت قىلدى. 1980 - يىلىدىن بۇيان مەسچىتلەردە ئىسلام دۆلەتلىرى ۋە شاڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 27 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى قوبۇل قىلدى.