UyghurMain Dictionary
شېكەر
مەنىداش سۆزلۈكلەر
شېكەر قومۇشى، قىزىلچىلاردىن ئېلىنىدىن تاتلىق ماددا.
شېكەر يالىتىلغان زەمبىرەك ئوقى. ياخشى بىلەن سۆزلەشمەك بالغا شېكەر قوشماق. ئوقۇغان قەنت يەيدۇ، ئوقۇمىغان غەم.
مولېكۇلا بىلىملىرى
بۇ يەردە دېيىلىۋاتقان شېكەر پەقەت تاتلىق تەمى بار گلۇكوزا، مالتوزا، ساخاروزا قاتارلىقلارلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى تاتلىق تەمى يوق كراخمال، سېللۇلوزا، گلىكوگېن قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شېكەر ئادەتتە كاربون، ھىدروگېن ۋە ئوكسىگېندىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئېلېمېنتتىن تەركىب تاپىدۇ، ئادەت بويىچە ئۇلار كاربون سۇ بىرىكمىلىرى دېيىلىپO2H(mCn) بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.
ھايۋانلار تېنىدە شېكەر خېلى كۆپ بولۇپ، ئۇلار گلىكوگېن دەپ ئاتىلىدۇ. گلىكوگېن جىگەردە ئەڭ كۆپ بولۇپ، جىگەر گلىكوگېنى دېيىلىدۇ؛ مۇسكۇلدىمۇ كۆپ بولۇپ، ئۇلار مۇسكۇل گلىكوگېنى دېيىلىدۇ. شېكەر ھايۋانلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك پائالىيىتى جەريانىدا، خام ئەشيا سۈپىتىدە ھۈجەيرىلەرنى «بەرپا قىلىش»تىن تاشقىرى، مۇھىمى ھاياتلىق پائالىيەتلىرىنى لازىملىق ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ئورگانىزم ئېنېرگىيىگە موھتاج بولغاندا، گلىكوگېن جىگەردە گلۇكوزىغا ئايلىنىپ قانغا ئۆتىدۇ، ئاندىن قان ئايلىنىشقا ئەگىشىپ بەدەننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ ئىشلىتىلىدۇ. گلۇكوزىنىڭ ئېنېرگىيە چىقىرىش ئۇسۇلى بىرقانچە خىل بولۇپ، ھەممىسىگە ئېنزىملار قاتنىشىدۇ، بەزىدە ئوكسىگېنمۇ لازىم بولىدۇ. ئۇلار شېكەر مولېكۇلىسىنىڭ تۈزۈلۈشىنى چۇۋۇپ، بۇ تۈزۈلۈشنى «بەرپا قىلغان» ئېنېرگىيىنى ئادېنوزىن ترىفوسفات دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل خىمىيىۋى ماددىغا تاپشۇرىدۇ؛ ئۇ ئېنېرگىيىنى ئېلىپ ئېنېرگىيىگە ئېھتىياجلىق يەرلەرگە توشۇيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن، شېكەر ئېنېرگىيە «ئامبىرى»غا، ئادېنوزىن ترىفوسفات بولسا ئېنېرگىيە توشۇغۇچىغا ئوخشايدۇ. شېكەر ئېنېرگىيىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزى سۈت كىسلاتا بىلەن كاربون (Ⅳ) ئوكسىد قاتارلىق ماددىلارغا ئايلىنىدۇ. بەزىدە تېز يۈگۈرگەندە پۇتلىرىمىزنىڭ سىرقىراپ ئاغرىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. چۈنكى ھەرىكەتكە كېرەكلىك ئېنېرگىيە شېكەرنىڭ ئوكسىگېنسىز پارچىلىنىشىدىن كېلىدىغان بولغاچقا، شېكەرنىڭ ئۆزگىرىشىدىن ھاسىل بولغان كۆپ مىقداردىكى سۈت كىسلاتانىڭ مۇسكۇللىرىمىزنى غىدىقلىغانلىقىدىن بولىدۇ. قاندىكى گلۇكوزىنىڭ مىقدارى بەزىدە يۇقىرىلاپمۇ كېتىدۇ، بۇ چاغدا ئوشۇقچە گلۇكوزا يەنە گلىكوگېنغا ئايلىنىپ، جىگەر ۋە مۇسكۇللارغا قايتىپ بېرىپ زاپاس ساقلىنىدۇ. ناۋادا شېكەر مېتابولىزمى تەڭپۇڭلۇقنى يوقاتسا قان شېكىرى تۆۋەنلەش، قان شېكىرى يۇقىرىلاش ۋە شېكەر سىيىش قاتارلىق كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ.
شېكەر يەنە جانلىقلارنىڭ تۈزۈلۈشىنى «بەرپا قىلغۇچى» ماتېرىياللاردۇر. ئۆسۈملۈكلەرنىڭ غول ۋە شاخلىرىدىكى شېكەر (سېللۇلوزا) لار ئۇلارنى تىرەپ تۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. ئادەمنىڭ ئىرسىيەت ماددىلىرىدىمۇ شېكەر بولىدۇ.
شېكەر يەنە ئاقسىل بىلەن بىرىكىپ شېكەر ئاقسىلىغا ئايلىنىپ، ھەر خىل فۇنكسىيىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پارىسچە
ئى. شېكەر قومۇشى ياكى قىزىلچىنىڭ شىرنىسىنى قايناتقاندىن كېيىن ئايرىلىپ چىققان قىيام ئارقىلىق ئىشلىنىدىغان كرىستال جىسىم، دانىچىلىرى كىچىك ۋە قۇم دانىچلىرىغا ئوخشايدۇ. تەمى تاتلىق كېلىدۇ. ئادەتتە ئاق شېكەر ۋە قارا شېكەر دەپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ. تۇرمۇشتا ھەر ئىككى خىلى ئىستېمال قىلىنىدۇ.
سۈپ. كۆچمە. شېرىن، تاتلىق ، لەززەتلىك.
لەيلىنىڭ ۋەسلىگە يەتتىڭ بىر زامان مەجنۇن بولۇپ، ئۇل شېكەر لەۋ بولدى شېرىن سەن ئاڭا پەرھادى بول.
سۈپ. كۆچمە. كىشىگە ياقىدىغان، يېقىملىق.
تىلى شېكەر، ئىچى زەھەر (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئەرەبچە
شېكەرخان، شېكەرەم، شېكەر قىز
(بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ شېكەردەك تاتلىقلىقى كۆزدە تۇتۇلغان)