Chinese→UyghurMain Dictionary
士族
Domain: دۇنيا تارىخىتۆرىلەر
1869 - 1947 - يىللاردا ياپونىيىدىكى كونا سامورايلارنىڭ نامى. 1869-ىلى مېيجى ھۆكۈمىتى ھەر قايسى ۋاسساللارغا <زېمىن تەۋەلىكىنى قايتۇرۇپ بېرىش ھەققىدە> بۇيرۇق چۈشۈرگەن ھەمدە ھەر قايسى ۋاسساللاردىكى سامۇرايلارنى ئۇلارنىڭ جەمەتىنى تۆرىلەر، نۆكەرلەردىن تۆۋەنلەرنى ئەسكەر دەپ بېكىتىكەن. 1842-يىلى يەن نەسەبىي ئەسكەرلەرنى تۆرىلەر قاتارىغا كىرگۈزۈپ، قالغانلىرىنى ئددىي پۇقرالار قاتارىغا كىرگۈزۈپ، قالغانلىرىنى ئاددىي پۇقرالار قارىغا كىرگۈزگەن. 1873-يىلى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۆرىلەر تەخمىنەن 410 مىڭ ئائىلە بولۇپ، نوپۇسى 1 مىليون 900 مىڭ كىشىگە يەتكەن، ئۇلارنىڭ ئورنى ئاقسۆڭەكلەر جەمەتىدىن تۆۋەن، ئاددىي پۇقرالاردىن يۇقىرى ئىدى. شۇ چاغدا ئۇلار مائاش ئېلىپ تۇرۇش، قورال - ياراقلىق يۈرۈش ئىمتىيازىغا ئىگە ئىدى. بىراق ئۇزاق ئۆتمەيلا بۇ ئىمتىيازلار بىكار قىلىنغان. بىر قىسىم تۆرىلەر نارازى بولغانلىقتىن ھۆكۈمەتكە قارشى توپىلاڭغا قاتناشقان، لېكىن كۆپ قىسىم تۆرىلەر دۆلەتنىڭ ھەر قايىسى تارماقلىرىدا مۇھىم ۋەزىپە ئۆتىگەن. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئاھالە نوپۇس قانۇنىغا ئومۇميۈزلۈك تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ (1947-يىل)، تۆرە دېگەن نام بىكار قىلىنغان.
Domain: ئۇنىۋېرسالshì zú
شىزوكۇ )ياپونىيىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكىلەر(
GetWord Corpus
Pronunciation: 8shì zú
شىزوكۇ (ياپونىيىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسىدىكىلەر)
About this entry
This is a Chinese–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.