Chinese→UyghurMain Dictionary
十字军东
دۇنيا تارىخى
ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى
1096 - 1291-يىللىرىدا غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى، ئىتالىيە سودىگەرلىرى ۋە رىم كاتولىك دىنىي جەمئىيىتىنىڭ ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى دۆلەتلەرگە قارشى قوزغىغان تاجاۋۇزچىلىق جازا يۈرۈشى. ئۇلارنىڭ شوئارى بىدئەتلەرنىڭ (مۇسۇلمانلارنىڭ) قولىدىن مۇقەددەس جاي ئېرۇسالىم (قۇددۇس) نى تارتىۋېلىشتىن ئىبارەت. جازا يۈرۈشىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ مەقسىتى بىر - بىرىگە ئوخشىمايتتى؛ غەربىي ياۋروپا فېئوداللىرى بىلەن رىتسارلار يېڭى سۇيۇرغاللارنى ۋە بانچىلارنى بۇلاش كويىغا چۈشكەنىدى؛ ئىتالىيە سودىگەرلىرى (ئاساسەن ۋېنتسىيە، گېنويە، بىسالىق سودىگەرلەر) ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى سودىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى؛ رىم پاپاسى بولسا پىراۋوسلاۋىيە دىنىنى قوشۇۋېلىپ، كاتولىك دىنىنىڭ كۈچىنى ۋە مالىيە مەنبەسىنى زورايتماقچى بولغانىدى؛ تىرىكچىلىك قىلىش يولى تاپالمىغان نۇرغۇن دېھقانلار دىنىي جەمئىيەتنىڭ ۋە فېئوداللارنىڭ ئالدامچىلىق تەشۋىقاتى بىلەن، دەسلەپتە ئەھلىسەلىپكە قاتنىشىپ شەرققە بېرىپ جەننەتنى تېپىشنى خىيال قىلغانىدى. 1095-يىل 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، پاپائوربانۇس Ⅱ فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىكى كلېرمۇنت شەھىرىدە نۇتۇق سۆزلەپ دىنىي ئەسەبىيلىكنى قۇترىتىپ، ئەھلىسەلىپنىڭ تۇنجى قېتىملىق شەرققە تاجاۋۇز قىلىشىنى باشلاشقا چاقىرغان (1096 - 1099) 1099-يىلى 7-ئايدا ئەھلىسەلىپ ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغان ھەمدە شۇ شەھەرنى پايتەخت قىلىپ ئېرۇسالىم پادشھلىقىغا بېقىندى بولىدىغان ئېدېسسا گرافلىقى، ترىپولى گرافلىقى ۋە ئانتىئوك كىنەزلىكىدىن ئىبارەت ئۈچ كىچىك دۆلەت قۇرغانىدى. 1144-يىلى سالجۇق تۈركلىرى ئېدېسسانى ئىشغال قىلىۋالغان. فرانسىيە كورۇلى لۇئى ⅤⅡ ۋە مۇقەددەس رىم ئىمپېراتورى كانراد Ⅲ ئرۇسالىم پادىشاھىنىڭ مۇراجىئىتىگە ئاۋاز قوشۇپ، شەرققە ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز (1147 - 1149) قىلىشنى قوزغاپ، نەتىجىدە مەغلۇپ بولغان. 1187-يىلى، مىسىر سۇلتانى سالاھىددىن ئېرۇسالىمنى قايتۇرۇۋالغان. شۇ سەۋەبتىن فرانسىيە كورۇلى فىلىپپې Ⅱ، مەقەددەس رىم ئىمپېرىيىسى كورۇلى فرېدرىخ Ⅰ (قىزىل ساقال) بىلەن ئەنگلىيە كورۇلى رىچارد Ⅰ (شىر يۈرەك كورۇل) شەرققە ئۈچىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىپ (1189 - 1192)، سالاھىدىننىڭ قاتتىق تاقابىل تۇرۇشى بىلەن ھېچقانداق نەپ ئالالماي قايتىپ كەتكەن. پاپا ئىننوسېن Ⅲ شەرققە تۆتىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلغاندا (1202 - 1204) ئەسلىدە مىسىرغا ھۇجۇم قىلماقچى بولغان، كېيىن ھۇجۇم قىلىش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ كونستانتىنوپول ۋە ۋىزانتىيە ئىمپېرىيسىنىڭ كۆپ قىسىم زېمنىنى ئىشغال قىلىپ، شۇ يەردە لاتىن ئىمپرىيىسىنى بەرپا قىلغان (1204 - 2611)، شەرققە بەشىنچى قېتىم (1217 - 1221)، ئالتىنچى قېتىم (1228 - 1229) ۋە يەتتىنچى قېتىم تاجاۋۇز (1248 - 1254) قىلىشتا ھەممىسىدە مىسىر نىشان قىلىنغانىدى، شەرققە سەككىزىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىشتا (1270) تۇنىس نىشان قىلىنغانىدى، بىراق ھېچقايسىسىدا مەقسىتىگە يېتەلمىدى. 1291-يىلى ئەھلىسەىپ ئۆزىنىڭ شەرقتىكى ئەڭ ئاخىرقى تايانچ نۇقتىسى ئاكرې (پەلەستىننىڭ شىمالىي قىسىمىغا جايلاشقان) نى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى، ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولۇش بىلەن ئاياغلاشتى. ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە تاجاۋۇز قىلىشى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ھەرقايسى ئەل خەلقلىرىگە ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتتى.