Chinese→UyghurMain Dictionary
视网膜
پسىخولوگىيە
تور پەردە
بۇ كۆز تور پەردىسى، ياكى كۆرۈش تور پەردىسى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. تور پەردە كۆز ئالمىسىنىڭ نۇر سېزىش قىسمى بولۇپ، كۆز ئالمىسى تېمىنىڭ پۈتۈن ئىچكى يۈزىنى قاپلاپ تۇرىدۇ. ئۇ 0.5mm~0.1 قېلىنلىقتىكى تىنىق نېپىز پەردىدىن ئىبارەت. توقۇلما جەھەتتىن ئون قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ، ئاساسەن ئۈچ قەۋىتى زىچ جايلاشقان ھۈجەيرىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان ئىككى سىناپسېنىڭ دەرەخسىمان ئۆسۈملۈكلىرى توپلىمى ۋە ئوقسىمان ئۆسۈملۈكلىرىنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىدىن ھاسىل بولغان تورسىمان قاتلامدىن ئىبارەت. ئادەم كۆزىنىڭ تور پەردىسىنىڭ تۈزۈلۈشى مايمۇن، مۈشۈك قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ كۆز تور پەردىسىدىن ئاددى، تۆۋەن دەرىجلىك ئۇمۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭكىدىن تېخىمۇ ئاددى، چۈنكى تور پەردە ئىچىلىك ئۇچۇرنى( ئىنفورماتسىيىنى) بىر تەرەپ قىلىش ئىشى بىلەن تۈزۈلۈشى تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا چوڭ مېڭىگە ئۆتۈپ كەتكەن. تور پەردىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يېرىدىكى بىر قاتلىمى تومۇرلۇق پەردىگە يېقىن بولۇپ، كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەردىن تۈرۈلگەن. سىرتتىن كىرگەن نۇر تور پەردىگە كەلگەندە، ئاۋۋال تور پەردىنىڭ باشقا قاتلاملىرىدىن ئۆتۈپ ئەڭ ئاخىرىدا كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەرگە يېتىپ بارىدۇ. كولبىسىمان ھۈجەيرىلەردە سۆسۈن، كۆك رەڭلەرنى كۆرسىتىدىغان نۇر سەزگۈچ پېگمېنت بولۇپ، كۈچلۈك نۇردا جىسىملارنى ئېنىقراق پەرق ئېتىدۇ. نەتىجىدە رەڭ سەزگۈسىنى پەيدا قىلىدۇ. تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەردە سۆسۈن، قىزىل رەڭنى سېزىدىغان پېگمېنت بولۇپ، ئاجىز نۇرنى سېزىدۇ. ئادەم كۆزىنىڭ تور پەردىسىدە 130 مىليونغا يېقىن تاياقچىسىمان ۋە يەتتە مىليونغا يېقىن كولبىسىمان ھۈجەيرە بار. لېكىن بۇلار تور پەردىگە تەكشى جايلاشقان ئەمەس. مەركىزىي ئورەكچىدە (كۆرۈش بۇلۇڭىنىڭ ′20°1 جايىدا) 4000 دانىچە كولبىسىمان ھۈجەيرە بار. سىرتقى دائىرىگە يېقىنلاشقانسېرى كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر شالاڭلىشىدۇ، تور پەردىنىڭ چېتىگە بارغاندا يالغۇز تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلا قالىدۇ. تاياقچىسىمان ھۈجەيرىنىڭ زىچلىقى كۆرۈش ئوقىنىڭ °20 لىق جايىدا ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئادەمنىڭ خىرە يورۇقلۇقتا كۆرۈش سەزگۈرلۈكى ئەڭ يۇقىرى بولىدىغان ئورۇن. بۇ ئورۇندىن مەيلى ئىچكى تەرەپكە ياكى سىرتقى تەرەپكە قاراپ يىراقلاشقانسېرى تاياقچىسىمان ھۈجەيرە شالاڭلىشىپ بارىدۇ. دېمەك، تور پەردىنىڭ ھەر قايسى ئورۇنلىرىنىڭ كۆرۈش روشەنلىكى بىر خىل بولمايدۇ. ئەگەر بىز مەركىزىي ئورەكچىنىڭ كۆرۈش روشەنلىكىنى «1» دەپ ھېسانلىساق، سېرىق داغ چۆرىسىدىكى (°2.5 جايىدا) كۆرۈش روشەنلىكى 0.5 گە چۈشۈپ قالىدۇ. مەركىزىي ئورەكچىدىن °7.5 يىراقلىقتىكى جايىدا 0.25 كە، ئەڭ چەتتە بولسا 0.025 كە چۈشۈپ قالىدۇ. تور پەردىنىڭ ئارىلىق قاتلىقى ئىككى قۇتۇپلۇق ھۈجەيرىلەر قاتلىمى بولۇپ، ئەينەكسىمان جىسىمغا يېقىن قاتلىمى نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىلىرى قاتلىمىدىن ئىبارەت. نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىنىڭ ئوقسىمان ئۆسۈكى تور پەردىنىڭ توپچىسىمان جايىدا ( مەركىزىي ئورەكچىدىن 4mm يىراقلىقتىكى بۇرۇننىڭ يان تەرىپىدە) توپلىنىپ، كۆرۈش تالالىرى باغلىمىنى ھاسىل قىلىپ، كۆز ئالمىسىنىڭ ئارقا تېمىغا بارغاندا كۆرۈش نېرۋىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. توپچىسىمان جايىدا كولبىسىمان ھۈجەيرىمۇ، تاياقچىسىمان ھۈجەيرىمۇ يوق بولۇپ، بۇ ئورۇن كور داغ دەپ ئاتىلىدۇ. كور داغ تور پەردىسىنىڭ ئەڭ قېلىن جايى بولۇپ، چەت ياقىغا بارغانسېرى نېپىزلىشىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ 60 - يىللىرىدىن بۇيان بەزىلەر كولبىسىمان ھۈجەيرىنىڭ ئۈچ خىلىنى يەنى قىزىل كولبىسىمان ھۈجەيرە، يېشىل كولبىسىمان ھۈجەيرە ۋە كۆك كولبىسىمان ھۈجەيرە بارلىقىنى تاپتى. يەنە تور پەردىنىڭ نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىسىدە تۈرلۈك تەكشۈرۈش ئاپپاراتلىرى بارلىقىنى مەسىلەن: تەرەپنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، بۇلۇڭنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، سىزىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، گىرۋەك بىلەن دائىرىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى، يۆتكىلىشنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش ئاپپاراتى بارلىقىنىمۇ تاپتى. كولبىسىمان ھۈجەيرىلەر بىلەن تاياقچىسىمان ھۈجەيرىلەرنىڭ نۇر سىگنالىنى قانداق قىلىپ رېتسېپتور پوتېنسئالىغا ئايلاندۇرۇپ، نېرۋا تۈگۈنى ھۈجەيرىلىرىگە يوللىغاندىن كېيىن، يەنە قانداق قىلىپ ئىمپولىس شەكلىدىكى (تومۇر سوقۇش شەكلىدىكى) نېرۋا ئىمپولسىغا ئايلاندۇرىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەتقىقاتلار يېقىندىن بۇيان خېلى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشتى. يۇقىرىقىلاردىن نېپىزگىنە تور پەرىنىڭ تۈزۈلۈشى ۋە رولىنىڭ خېلى مۇرەككەپلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ.
بىئولوگىيە
كۆرۈش تور پەردىسى
<رېتىنا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەم ۋە باشقا ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ كۆز ئالمىسى دىۋارىنىڭ ئىچكى پەردىسى. پەقەت كۆرۈش تور پەردىسى كۆرۈش قىسمىنىڭلا (يەنى كۆرۈش تور پەردىسى بىلەن كۆز ئالمىسى دىۋارىنىڭ ئوتتۇرا پەردە تومۇرلۇق پەردىسىنىڭ يېپىشىپ تۇرغان قىسمى) يورۇقلۇق سېزىش رولى بولىدۇ. ئۇ سىرتتىن ئىچىگە قاراپ تۆت گۇرۇپپا ھۈجەيرىدىن، يەنى پىگمېنت ھۈجەيرىلىرى، كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى. قوش قۇتۇپلۇق ھۈجەيرىلەر ۋە تۈگۈن ھۈجەيرىسىدىن تۈزۈلگەن. كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى يورۇقلۇق سەزگۈچى ھۈجەيرىلەر بولۇپ، ئۇنى كونۇس ھۈجەيرىلەر ۋە تاياقچە ھۈجەيرىلەرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. يورۇقلۇقنىڭ غىدىقلىشىنى (تەسىرىنى) سېزىپ نېرۋا قوزغىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايدۇ، قوزغىلىش نېرۋىنى بويلاپ مېڭە پوستلاق ماددىسىدىكى كۆرۈش سېزىمى مەركىزىگە يەتكۈزۈلۈپ كۆرۈش سېزىمىنى ھاسىل قىلىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ كۆز قارىچۇقىغا ئۇدۇل جايىدا سېرىق رەڭلىك كىچىك رايون بولۇپ، ئۇ سېرىق داغ دېيىلىدۇ، بۇ كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ ئەڭ نېپىز ئورنى بولۇپ، كونۇس ھۈجەيرىلەر كۆپرەك توپلانغان جاي ھېسابلىنىدۇ. سېرىق داغنىڭ ئوتتۇرىسى ئويمانلاشقان بولۇپ، ئوتتۇرا ئويمان دېيىلىدۇ. بۇ يورۇقلۇقنىڭ سېزىمى سەزگۈر ئورۇن ھېسابلىنىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسىدىكى كۆرۈش نېرۋىلىرى مەركەزلىشىپ ئاقسىللىق پەردىنى تېشىپ ئۆتكەن ئورۇن كۆرۈش نېرۋىسى شورىغۇچلىرى دېيىلىدۇ. <كۆرۈش نېرۋا تەخسىسى> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ جايدا كۆرۈش ھۈجەيرىلىرى بولمىغاچقا يورۇقلۇق سېزىش رولىمۇ بولمايدۇ. شۇڭا <فىزىئولوگىيىلىك قارىغۇلۇق توچكىسى (نۇقتىسى)> دېيىلىدۇ. كۆرۈش تور پەردىسى كۆرۈش سېزىمى ھاسىل قىلىدىغان مۇھىم ئورۇن بولغاچقا، بۇ ئورۇندىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى (مەسىلەن، سۈپىتى ئۆزگىرىش، قاناش، ياللۇغلىنىش ھەم ئاجراش قاتارلىق) لار كۆپ ھاللاردا كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە كۆرۈش دائىرىسىنىڭ نورمالسىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ئاخىرىدا قارىغۇ بولۇپ قېلىشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالىدۇ.
ئادەم ئاناتومىيىسى
shì wǎng mó
كۆرۈش تولۇق پەردىسىDفىزىكا
shì wǎng mó
كۆرۈش پەردىسىDتېببىي
shì wǎng mó
كۆرۈش تور پەردىسىDئۇنىۋېرسال
shì wǎng mó
كۆرۈش تور پەردىسى، تورلۇق پەردە