Chinese→UyghurMain Dictionary
施陶丁格
دۇنيا تارىخى
سىتائودېنگىر
(1881 - 1965) گېرمانىيىلىك خىمىك. ۋورمىستا تۇغۇلغان. كارلىس روھى سانائەت داشۆسى، سيۇرىخ دۆلەتلىك سانائەت داشۆسى ۋە فېرېيبېرگ داشۆسىدە پروفېسسور بولغان، چوڭ مولىكولا خىمىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بولغان. ئورگانىڭ خىمىيەنى تەتقىق قىلىپ، مەلۇم رېئاكسىيىلەردەكۆرۈلگەن تەستە ئېرىيدىغان دەرەخ يېلىمى شەكىللىك جىسىملارغا قارىتا چوڭ مولېكولا ياكى ئۇيۇشچانلىقى يۇقىرى جىسىم دېگەن كۆز قاراشنى ئوتتۇرغا قويغان. بۇ كۆز قاراش ئۈستىدە بەس - مۇنازىرە قوزغىلىپ، تاكى مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30 - يىللىرىغا كەلگەندە ئاندىن ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان. شۇنداقلا يۇقىرى مولېكولىلىق سۇيۇقلۇقنىڭ يېپىشىشى دەرىجىسى بىلەن مولېكولا مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بېكىتكەن. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئالىي مولېكولا ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغان. 1953 - يىلى نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.