Chinese→UyghurMain Dictionary
施皮特勒
دۇنيا تارىخى
سىپېتلېر
(1845 - 1924) تەخەللۇسى فېلكىس تاندېم. شۋېتىسارىيىلىك شائىر،نەسىرچى. لىستوۋېلدا تۇغۇلغان. بيۇروكرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. بازېل، سىيۇرىخ، ئوتتۇرا ھېيدىلبېرگ قاتارلىق جايلاردىكى داشۆلەردە ئوقۇغان. 1871 - 1879 - يىللىرى روسىيە ۋە فىنلاندىيەدە ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولغان. 1881 - يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن، كېيىن توي قىلىپ، مال - دۇنيالىق بولۇپ قالغان. نېمىسچە يازغان، كۆپچىلىك ئەسەرلىرىنىڭ مەزمونى قەدىمكى يۇنان ئەپسانىلىرىدىن ئېلىنغان. ئەسەرلىرىدىن باللادا <پىرومېتى بىلەن ئاپىمىتى>، <ئولىمپىكتا باھار>، <پىرومىتىنىڭ قازاغا ئۇچرىشى>، <كاپىتان كانراد>، <بالىلىق كەچۈرمىشلىرىم> قاتارلىقلار بار. 1919 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.