Chinese→UyghurMain Dictionary
石窟寺院
دۇنيا تارىخى
تاش كېمىر ئىبادەتخانىسى
تاش كېمىر دەپمۇ ئاتىلىدۇ. دىنىي ئىباەتخانا قۇرۇلۇشىنىڭ بىر تۈرى. تاش قىيالىرىغا قېزىپ ياىسلىدۇ. ھىندىستاندىن باشلانغان، كېيىنچە ئافغانىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا، جۇڭگو، چاۋشيەن قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قېزىلغان. بۇددا دىنىدا ئەڭ كۆپ بولۇپ، براخمان دىنى ۋە جائىنا دىنىدا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇددا دىنىدا تاش كېمىرلەر ئەڭ دەسلەپ مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅱ ئەسىرلەردە بارلىققا كەلگەن، ئىككى خىل شەكىلگە ئايرىشقا بولىدۇ، بىر خىلى بىرقەدەر چوڭ بولۇپ، بىخورا دەپ ئاتىىدۇ، يەنى ئىبادەتخانا، راھىبلار ئۆيى دېگەن مەنىلەردە، ئوڭ - سول ھەمدە ئارقا تاملارغا كۆپرەك تەكچە قېزىلىدۇ، كېمىرلەر ئومۇمەن چاسا شەكىلدە بولۇپ، ئوتتۇرىسىغا تۈۋرۈك قويۇلىدۇ، تورۇش تۈز بولۇپ، رەڭدار نەقىشلىنىدۇ. ئالدىدا كارىدور بولىدۇ، كېمىرنىڭ ئىچى ۋە ئالدى كارىدورى كېمىرنىڭ چوڭ - كىچىكلىكىگە ماسلاشتۇرۇلىدۇ. تاشقىرىسىغا ئۈچ ئىشىك قويۇلىدۇ. يەنە بىر خىل سەل كىچكرەك بولۇپ، جىتى ياكى جىدى دەپ ئاتىلىدۇ، يەنى بۇتخانا، بۇددا خانىقاسى دېگەن مەنىلەردە. كېمىرنىڭ ئوتتۇرىسىغا سىلىق تاراشلانغان مۇنار شەكىللىك تۈۋرۈك قويۇلىدۇ. كېمىر سۇپىسى ئات تۇيىقى شەكلىدە ياسىلىدۇ. كېمىرنىڭ ئىچىدە تۆت نامنى ئايلاندۇرۇپ نەقىشلىك تۈۋرۈك قويۇلۇپلا قالماي، يەنە ئىچكى ھۇجرا ۋە تاشقى ھۇجرا دەپ ئايرىىدۇ. ئىچكى ھۇجرىنىڭ تورۇسى يۇمىلاق شەكىلدە (يەنى گۈمبەز تورۇسلۇق) بولىدۇ. بۇلار بۇددا دىنى تارىخى ۋە سەنئىتىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم قىممەتكە ئىگە.