Chinese→UyghurMain Dictionary
十二人委员会
دۇنيا تارىخى
12 كىشىلىك كومىتېت
فرانسىيە بۇرژۇئا ئىنقىلابى دەۋرىدە گىروندېچىلار تەشكىللىگەن تەكشۈرۈش كومىتېتى. بۇ كومىتېت 12 ئادەمدىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن، 12 كىشىلىك كومىتېت دەپ ئاتالغان. 1793 - يىلى ئەتىيازدا، گىروندېچىلار بىلەن ياكۇبىنچىلار ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش كۈندىن - كۈنگە كەسكىنلىشىپ كەتكەنىدى. گىروندېچىلار مارات ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، مىللىي كېڭەشمىدىكى گىروندېچى پارلامېنت ئەزالىرى <12 كىشىلىك كومىتېت> تەشكىللەپ، پارىژ كوممۇناسىنىڭ ھەرىكىتىنى تەكشۈرۈشكە مەسئۇل بولغان ھەمدە كوممۇنانىڭ مۇئاۋىن باش تەپتىشى ھېبېرتنى قولغا ئېلىش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىغان. 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى مىللىي كېڭەش <12 كىشىلىك كومىتېت> نى ئەمەلدىن قالدۇرۇش لايىھىسىنى ماقۇللىغان. ئىككىنچى كۈنى گىروندېچىلارنىڭ تەلىپى بىلەن يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن، 5 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ياكوبىنچىلار پارىژ خەلقىنى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە سەپەرۋەر قىلىپ، مىللىي كېڭەشنى قورشاپ، <12 كىشىلىك كومىتېت> نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە گىروندېچى پارلامېنت ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان. مىللىي كېڭەش يەنە بىر قېتىم <12 كىشىلىك كومىتېت> نى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. بىراق گىروندېچى پارلامېنت ئەزالىرىنى قوغلاپ چىقىرىشنى رەت قىلغان. نەتىجىدە پارىژ خەلقىنىڭ 2 - ئىيۇن قوزغىلىڭى كېلىپ چىققان ۋە گىروندېچىلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلانغان.