Chinese→UyghurMain Dictionary
施蒂纳
دۇنيا تارىخى
ستىرنېر
(1806 - 1856) ئەسلى ئىسى كاسپار سىمېت. گېرمانىيىنىڭ ئىدېئالىستىك پەيلاسوپى، سىياسىي ئوبزورچىسى، ياش گېگېلچىلارنىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىرىدىن بىرى. ئانارخىزمنىڭ پېشۋاسى. دەسلەپكى يىللىرى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولغان. بېرلىن ياش گېگېلچىلار تەشكىلاتىنىڭ <ئەركىن كىشى> لىرى ئىچىدىكى مۇھىم شەخس. فېئودال مۇستەبىت تۈزۈم ۋەدىننىڭ ساختىلىقىنى پاش قىلغان ۋە تەنقىد قىلغان. پەلسەپىۋى ئىدىيە جەھەتتە، تىپىك سوفىست بولۇپ، ماددىي دۇنيا بىلەن مەنىۋى دۇنيادىن ئۈستۈن تۇرىدىغان <بىردىنبىر>، <مەن> (<مېنىڭ ئېڭىم>) لار يېگانە مەۋجۇت بولۇپ، ھەممىدىن يۇقىرى تۇرىدۇ؛ دۆلەت، ئەخلاق، مال - دۇنيا، دىن ۋە پۈتكۈل دۇنيا ھەمدە تارىخنىڭ ھەممىسى <مەن> نىڭ مەھسۇلى دەپ قارىغان، شۇڭا ھەممە <مەن> گە مەنسۇپ بولۇشى كېرەك دەپ داۋراڭ سالغان. شۇڭا ئۇ چېكىدىن ئاشقان شەخسىيەتچىلىكنى تەرغىپ قىلىپ، ئۆز مەنپەئىتىنى ۋە شەخسنىڭ مۇتلەق ئەركىنلىكىنىلا ئېتىراپ قىلغان، شەخسكە قارىتىلغان ھەر قانداق چەكلىمىگە قارشى تۇرۇپ، كوممۇنىزمغا كۈچىنىڭ بارىچە ھۇجۇم قىلغان. ماركس، ئېنگېلس ئۇنى ئۈزۈل - كېسىل تەنقىد قىلغان. ئۇنىڭ <بىردىنبىر نەرسە ۋە باشقا شەيئىلەر> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار.