Chinese→UyghurMain Dictionary
施道芬堡
دۇنيا تارىخى
ستائۇففېنبېرگ
(1907 - 1944) گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە مايورى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پولشا، فرانسىيە ۋە شىمالىي ئافرىقىدا ئۇرۇش قىلغان. 1943 - يىلى يارىلىنىپ مېيىپ بولغاندىن كېيىن، قۇرۇقلۇق ئارمىيە قورال - ياراق مەھكىمىسىنىڭ شتاب باشلىقلىقىغا تەيىنلەنگەن. شۇنىڭدىن باشلاپ، ئۇ نېمىس ئارمىيسىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدىكى گىتلىرغا قارشى سۈيقەستكە قاتناشقان. 1944 - يىلى 7 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شەرقىي پرۇسسىيە گازارمىسىدا مۇددەتلىك بومبا بىلەن گېتلىرنى يارىلاندۇرغان ھەمدە بېرلىندا ھەربىي ئۆزگىرىشنى پىلانلاپ،شۇ كۈنى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ئۆلتۈرۈلگەن.