UyghurMain Dictionary
شىگانا ئوكانا
دۇنيا تارىخى
(1883 - 1971) ياپونىيىلىك يازغۇچى. بىلىم يۇرتىدا ئوقۇغان ھەمدە توكيو ئۇنىۋېرسىتېتى دۆلەت تىل - ئەدەبىيات كەسپىنى تۈگەتكەن. 1910 - يىلدىكى <ئاق قېيىن> ژورنىلىنى چىقارغۇچىلارنىڭ بىرى. ھېكايە يېزىقچىلىقىغا ماھىر بولۇپ، دەسلەپكى ئەسەرلىرىدىن <تورغا چۈشۈش>، <ئادالەتچىلەر>، <سېبېئى ۋە قاپاق> قاتارلىقلارنىڭ ئوسلۇبى ئۆزگىچە، كۆپ خىل؛ يەنە <ياخشى ئەر - خوتۇنلار>، <ئاكاشى كېتەي>، <شاگىرتنىڭ پەرىشتىسى> قاتارلىق ئەسەرلىرى مول رېئالىزملىق تۈسىگە ئىگە. تەرجىمىھال خاراكتىرىدىكى ھېكايىسى <يارىشىش>دا، ئەدەب -ئەخلاق مەسىلىسىنى مۇھاكىمە قىلغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر رومانى <زۇلمەتلىك كىچىدىكى سەپەر> ناملىق رومانى بولۇپ، نۇقتىلىق ھالدا پېرسۇناژلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى تەسۋىرلەپ بېرىدۇ. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە جىم بولۇۋالغان. ئۇرۇشتىن كېيىن <كۈل رەڭ ئاي>، <بۇزۇلغان دوستلۇق رىشتىسى> قاتارلىق ئەسەرلەرنى ئېلان قىلغان. 1941 - يىلى ئىمپېرىيە سەنئەت ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەزالىقىغا سايلانغان. 1949 - يىلى مەدەنىيەت ئوردېنىغا ئېرىشكەن. توكيودا كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان. كېيىن ئۇنىڭ 17 توملۇق <شىگانا ئوكانا ئەسەرلىرى> ۋە بىر توملۇق <شىگانا ئوكانا خەت - چەكلىرى> نەشىر قىلىنغان.