UyghurMain Dictionary
شەتتارىيە پىرقىسى
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
تەسەۋۋۇپچى قېرىنداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەشكىللىرىدىن بىرى بولۇپ، ھىندىستاندا پەيدا بولغان. كىم قۇرغانلىقى ئېنىق ئەمەس، پارسچە ھۆججەتلەردە خاتىرىلىنىشىچە، بۇ دىنىي پىرقە ئۆزىنى <مەزھىپى شۇتتار> دەپ ئاتىغان. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى <دۇنيانى تەرك ئەتكەن تەسەۋۋۇپچى ئېقىم> دېگەنلىك بولىدىكەن. ھىندىستاننىڭ موغۇل خاندانلىقى دەۋرىدىكى ھۆججەتلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ پىرقە دىنىي ئەقىدە، فىقھە جەھەتلەردە پاسسىپ تەركىيدۇنيالىقنى تەشەببۇس قىلىدىغان سوپىلارغا ئوخشاشمايدىكەن. بەلكى رېئاللىققا ۋە كىشىلىك ھاياتقا ئاكتىپ پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىكەن. شۈكرى قىلىپ، ماددىي تۇرمۇشقا تەبىئىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن. يېمەك، كىيىم، ئۆي - ماكان تاللىمايدىكەن. ھەممە ئىشتا تەبىئىي بولۇشقا ئەمەل قىلىدىكەن. شەتتارىيە پىرقىسى ئىجازەسىنىڭ مەنبەسى دەسلەپكى چاغلاردىكى مەشھۇر تەسەۋۋۇپچى ئۆلىما بىستامى (؟ - 874) دىن كەلگەنلىكىنى، ئەھلى شەرىئەت پىرقىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. بۇ پىرقە شەكىللىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش داۋامىدا ھىندىستاندىكى بۇددا دىنى يۇگاچارە مەزھىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىدى. ئىستىقامەت قىلغۇچى يىراق تاغلارغا ۋە ئورمانلىقلارغا بېرىۋېلىپ، ياۋا كۆكتات ۋە ياۋا مېۋىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىپ، جىسمانىي ۋە مەنىۋى جەھەتتىن جاپالىق چېنىقىدۇ، ئىرادىسىنى تاۋلايدۇ. ئۇلارنىڭ مۇراسىملىرىمۇ يۇگاچارە مەزھىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، ئۇلار تەنھالىققا، پاكلىققا ئەھمىيەت بېرىدۇ. تەسبىھنى <كەلىمە تەييىبە> بىلەن باشلايدۇ. زىكرىدىكى كەلىمە سانانى ئەرەب، پارس، ھىندى تىللىرىدا ئوقۇۋېرىدۇ. بەزى كەلىمە سانالارنى <ئۇ پەنشەد> تىن قوبۇل قىلغان. مەسىلەن، <ئوھىھى> نىڭ مەنىسى <شامال>، <ئوت>، <ئاپتاپ> دېگەنلىك بولىدۇ. كۆپ ھاللاردا مەخپىي پائالىيەت قىلىپ، ئەنئەنىچىلەرنىڭ دۈشمەنلىك بىلەن قارىشىدىن مۇداپىئە كۆرىدۇ. باش ئورگىنى ھىندىستاندىكى جەۋنپۇر رايونىدا. ئىران، تۈركىيە، ھىندونېزىيىلەردىمۇ تارماقلىرى بار.