UyghurMain Dictionary
شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىس
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
<قۇرئان كەرىم> گە، ھەدىسكە ۋە شەرىئەت پرىنسىپلىرىغا ئاساسەن مىراسقا ۋارىسلىق قىلىش كۆزدە تۇتۇلىدۇ. ۋارىسلارنىڭ ئالىدىغان مۇقىم نېسىۋىسى <نېسىۋىگە ۋارىسلىق قىلىش تۈزۈمى> دېيىلىدۇ. شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق <پەرز> قىلىنغان بولسىمۇ، قەدىمكى ئەرەبلەرنىڭ ۋەسىيەت بويىچە ۋارىسلىق قىلىش ئادىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمىدى. ۋارىسلىق قىلىشنىڭ بۇنداق ئىككى خىل مۇناسىۋىتىنى ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن، سۈننىي مەزھىپى تۆۋەندىكى ئىككى ئاساسىي پرىنسىپقا ئەمەل قىلدى: (1) مىراس ئىگىسىنىڭ ھايات چېغىدا مىراسنى ۋەسىيەت بويىچە تەقسىم قىلىشى ھەممە ساپ مۈلۈكنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى بىلەن چەكلىنىدۇ. قالغان ئۈچتىن ئىككى قىسمىغا شەرىئەتتە بەلگىلەنگەن ۋارىسلىق قىلىش تەتبىقلىنىدۇ؛ (2) ۋارىسلىق قىلىنغۇچى ھايات چېغىدا ئادىل ۋەسىيەت قالدۇرۇش، بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتىدىكى تۇغقانلارنىڭ نېسىۋە ۋارىسلىرى توغرىسىدا ۋەسىيەت قالدۇرماسلىقى كېرەك. يۇقىرىقى پرىنسىپلارنى ۋە <قۇرئان كەرىم> دىكى، ھەدىستىكى مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرنى سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ چۈشىنىشى پەرقلىنىپ، سۈننىي مەزھىپى بىلەن شىئە مەزھىپىنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشاشمايدىغان ۋارىسلىق ئەھكاملىرى ھازىرغىچە داۋاملىشىپ كەلدى.