UyghurMain Dictionary
شەرقىي ئەل ئومۇمىي رىسالىسى
Domain: دۇنيا تارىخىچاۋشيەننىڭ قەدىمكى يىلنامە تارىخى كىتابى. ئۈچ دۆلەت مەزگىلىدىن تارتىپ كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى دەۋرىگىچە بولغان تارىخ بايان قىلىنغان. شۈي جۇيجېڭ قاتارلىقلار يازغان. 1484 - يىلى (چېڭ زۇڭ 15 - يىلى) پۈتكەن. 56 جىلد، قوشۇمچە تارىخ بىر جىلد، بىرىنچى جىلد ۋە قوشۇمچە تارىختا لىن جۈن، جىزى ۋە ۋىيمەن دەۋرىدىكى چاۋشيەن، خەن سۇلالىسىنىڭ تۆت ۋىلايەت دەۋرى ۋە ئۈچ خەن قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. رەسمىي تارىخ بولسائۈچ پادىشاھلىق دەۋرىدىن كورىيە سۇلالىسىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىگە قەدەر بولغان يىلنامە. مەزمونىنى ئىپادىلەشتە <كورىيە تارىخىنىڭ قىسقارتىلمىسى>، <ئۈچ دۆلەت تارىخىنىڭ قىسقارتىلمىسى>، شۇنىڭدەك باشقا چۇڭگو تارىخ كىتابلىرىدىن ئېلىنغان. ئىنچىكىلىك بىلەن سېلىشتۇرۇلمىغاچقا، خاتالىقلار بىر قەدەركۆپ، يەنە كېلىپ ئومۇملاشتۇرۇلغان ئەسەر بولغاچقا، تارىخىي ماتېرىياللىق قىممىتى يۇقىرى ئەمەس.
About this entry
This is a Uyghur–Uyghur dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.