Chinese→UyghurMain Dictionary
什一税
دىن
shén yī shuì
基
خىرىستيان دىنى
دىنىي باج، ئوندا بىر باج
دىن
ōu shě ěr ؛shén yī shuì
ئۆشرە
دىن
什一税(十一税
shén yī shuì
伊
ئىسلام دىنى
ئۆشرە
دۇنيا تارىخى
ئۆشرە
غەربىي ياۋروپادىكى خرىستىئان جەمئىيەتلىرىنىڭ ئاھالىلىرىدىن يىغىۋالىدىغان بىر خىل ساخاۋەت بېجى. باج مىقدارى ئادەتتە باج تاپشۇرغۇچىنىڭ دارامىتى ياكى باشقا كىرىمىنىڭ ئوندىن بىر قىسمىغا توغرا كەلگەچكە شۇنداق دەپ ئاتالغان. بۇنىڭدا <ئىنجىل> دىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئوندىن بىرى ئاللاغا مەنسۇپتۇر دېگەن خاتىرە ئاساس قىلىنغان. قەدىمكى ساملار بولۇپمۇ يەھۇدىيلاردا بۇ خىل باج تۈرى بۇرۇنلا بولغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا چارلېس ئىمپېرىيىسى ھەر بىر فرانكو پادىشاھلىقىنىڭ پۇقراسى ئوندىن بىر باجنى تاپشۇرۇشى لازىملىقىنى رەسىمىي بەلگىلىگەن. ئەنگلىيە ۋە باشقا غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىمۇ شۇ بويىچە ئىش قىلغان. بۇ خىل باج چوڭ ئۆشرە (دانلىق زىرائەتلەردە)، كىچىك ئۆشرە (كۆكتات، مېۋە - چىۋە، قۇشلار)، ئۆشرە قان بېجى (چارۋا مال ۋە چارۋا مەھسۇلاتلىرى) دىن ئىبارەت بىر نەچچە خىلغا ئايرىلغان. جەمئىيەتتىكى يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ھەمىشە دېگۈدەك باجدىن كەچۈرۈم قىلىنغاچقا، ئۆشرە بېجى ئاساسلىقى دېھقانلارنىڭ زىممىسىگە يۈكلەنگەن. ئۆشرە ئاساسەن چېركاۋلارنى رېمونت قىلىش ۋە پوپلارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا ئىشلىتىش بەلگىلەنگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە كۆپىنچىسى يۇقىرى دەرىجىلىك مىسسىئونېرلارنىڭ چۆنتىكىگە چۈشۈپ كەتكەن. چېختىكى خۇس ھەرىكىتى ۋە گېرمانىيە دېقانلار ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئۆشرە بېجىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش دېھقانلارنىڭ ئاساسلىق تەلەپلىرىدىن بىرى بولغان. غەربىي ياۋروپادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەر ⅧⅩ ۋە ⅨⅩ ئەسىرگە كەلگەندىلا ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ ئەمەلدىن قالدۇرۇغان. ئەنگلىيە تاكى 1935 - يىلىغىچە بۇخىل باجنى ساقلاپ قالغان.
ئۇنىۋېرسال
shén yī shuì
ئۆشرە
Dقانۇن
shén yī shuì
ئۆشرە، زاكات