Chinese→UyghurMain Dictionary
渗透势和力势
بىئولوگىيە
ئوسموتىك پوتېنسىئال ۋە بېسىم پوتېنسىئالى
بۇ ئۆسۈملۈكلەر فىزىئولوگىيىسىدە ئۆسۈملۈكلەرنى سۇ مېتابولىزمىنى تەتقىق قىلغاندا دائىم قوللىنىلىدىغان ئىككى ئوقۇم. ئېرىتمىدە ئېرىگۈچى بولغاچقا ئۇنىڭ سۇ پوتېنسىئالى ساپ سۇنىڭ سۇ پوتېنىسىئالىدىن تۆۋەن بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئېرىتمە بىلەن ساپ سۇ ئوتتۇرىسىدا بىر يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردە بولسا، سۇ پوتېنسىئالى يۇقىرى بولغان ساپ سۇ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردىدىن ئۆتۈپ سۇ پوتېنسىئالى تۆۋەن بولغان ئېرىتمىگە كىرىدۇ. بۇ خىل يېرىم ئۆتكۈزگۈچ پەردە ئارقىلىق ئوسموتىك تەسىرنى ھاسىل قىلىپ سۇنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان سۇ پوتېنسىئاللار پەرقى ئوسموتىك پوتېنسىئال دەپ ئاتىلىدۇ. ئوسموتىك پوتېنسىئالنى ئېرىتمىدىكى ئېرىگۈچى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولغاچقا، ئېرىگۈچى پوتېنسىئال دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھۈجەيرىدە ئوسموتىك پوتېنسىئا ھاسىل بولۇش جەريانىدا ھۈجەيرىگە سۇ كىرىدىغانلىقتىن، ھۈجەيرە پوستىغا قارىتا كۆپۈش بېسىمى ھاسىل بولىدۇ، بۇنىڭ بىلەن سۇنىڭ ھۈجەيرىگە كىرىشى توسقۇنلۇققا ئۇچرايدۇ، نەتىجىدە سۇ بىر بېسىم كۈچى گرادىئېنتىنى بويلاپ يۆتكىلىدۇ، بۇ خىل بېسىم كۈچى مەۋجۇتلۇقى بىلەن يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن سۇ پوتېنسىئالى بېسىم پوتېنسىئالى دەپ ئاتىلىدۇ.