Chinese→UyghurMain Dictionary
肾上腺皮质激素
بىئولوگىيە
بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددا گورمونلىرى
بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى ئاجراتقان گورمونلارنىڭ ئومۇمىي نامى. بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىدىن ئاجرىتىۋېلىنغان بىئولوگىيىلىك ئاكتىپچانلىققا ئىگە ماددىلارنىڭ خىلى ناھايىتى كۆپ، لېكىن قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ فىزىئولوگىيىلىك رول ئوينايدىغانلىرى بىر نەچچە خىلدىنلا ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ستېروئىد گورمونلار ھېسابلىنىدۇ. بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددا گورمونلىرىنى ئۇلارنىڭ فىزىئولوگىيىلىك رولى بويىچە مىنېرالوكورتىكو ستېروئىدلار ۋە گلۇكو كورتىكوستېروئىدلار دەپ ئىككى خىلغا بۆلۈشكە بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پرېگنان (<ستېروئىد گورمونلار> غا قارالسۇن) نىڭ تۇغۇندىلىرى. مىنېرالوكورتىكوستېروئىدلار پوستلاق ماددىنىڭ شارسىمان بەلبېغىدىن ئاجرىلىپ ئالدوستېرون، 11 - دېئوكسى كورتىكوستېرون، 11 - دېئوكسى كورتىزول قاتارلىقلار بار، ئالدوستېروننىڭ ئاكتىپچانلىقى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسلىق فىزىئولوگىيىلىك رولى سۇ، تۇز مېتابولىزمىنى تەڭشەش، بۆرەك كىچىك نەيچىسىنىڭ سۇ ۋە ناترىيلارنى قايتا سۈمۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كالىينى چىقىرىۋېتىش قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. گلۇكوكورتىكوستېروئىدلار پوستلاق ماددىسىنىڭ باغلامسىمان بەلبېغىدا ئاجرىتىپ چىقىرىلىدۇ، ئۇلاردىن كورتىزول، كورتىكو ستېرون قاتارلىقلار بار. بۇ خىل گورمونلارنىڭ فىزىئولوگيىلىك رولى خېلى كەڭ دائىرىلىك بولۇپ، ئاساسەن قەنت، ئاقسىل، مايلارنىڭ مېتابولىزمغا تەسىر قىلىپ، جىگەردىكى گلىكوگېننىڭ غەيرىي يوللاردىن ھاسىل بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىگەر گلىكوگېننىڭ زاپاس مىقدارىنى ئاشۇرىدۇ، توقۇلمىلارنىڭ قەنتلەردىن پايدىلىنىشىنى تورمۇزلاپ قان قەنتىنى ئۆرلىتىدۇ، ئاقسىل پارچىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ لىمفا توقۇلمىلىرىنى كىچىكلىتىپ، قاندىكى لىمفا ھۈجەيرىلىرىنى ئازلىتىدۇ ۋە كىسلاتا خالايدىغان دانىچە ھۈجەيرىلەر كېمىيىدۇ، كاپىلليار قان تومۇرلىرى ۋە ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقىنى تۆۋەنلىتىدۇ. چوڭ دوزىدىكى گلىكوكورتىكوستېروئىدلار ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرخىل زىيانلىق غىدىقلاشلارغا بولغان ئىنكاسىنى تۆۋەنلىتىپ ياللۇغلىنىشقا، زەھەرلىنىشكە، سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىشكە، شوكقا قارشى تۇرالايدىغان فارماكولوگىيىلىك روللارغا ئىگە. شۇڭا ئۇ كلىنىكىدا كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ. لېكىن چوڭ دوزىدىكى گلىكوكورتىكوستېروئىدلارنى ئىشلىتىشنىڭ پايدىسىز تەرەپلىرىمۇ بار، شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىشلىتىش لازىم.
تەنتەربىيە
shèn shàng xiàn pí zhì jī sù
بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى، كورتكوروپىنDتېببىي
shèn shàng xiàn pí zhì jī sù
بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمونىDئۇنىۋېرسال
shèn shàng xiàn pí zhì jī sù
بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق گورمۇنى؛ كورتىكوتروپىن