Chinese→UyghurMain Dictionary
神经胚
بىئولوگىيە
نېرۋا تۆرەلمىسى
<نېۋرۇلا> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئومۇرتقىلىق ھايۋانلارنىڭ ئىپتىدائىي ئۈچەيلىك تۆرەلمىدىن كېيىنكى بىر مۇھىم يېتىلىش باسقۇچى، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئوق ئورگانلىرىغا (نېرۋا نەيچىسى، خوردا ۋە ئوتتۇرا ئوق مۇسكۇللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئاساس سېلىش باسقۇچى ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلنىڭ سىرتتىن ئىپادىلىنىدىغان ئالاھىدىلىكى نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئىپتىدائىي ئاساسىنىڭ يېتىلىشى ئۆزگىرىپ ئاخىرىدا تۆرەلمە تېنىنىڭ ئىچكى قىسمىدا نېرۋا نەيچىسى شەكىللەندۈرگەچكە بۇ مەزگىلدىكى تۆرەلمە تەنچىسى نېرۋا تۆرەلمىسى دەپ ئاتالغان. بۇ باسقۇچتا تۆرەلمىنىڭ دۈمبىسىدىكى خوردىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە جايلاشقان نېرۋا ئېكتوبلاست قەۋىتى قېلىنلىشىپ، تاختىسىمان نېرۋا تاختىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئەتراپىدا نېرۋا پۈرمىلىرى بولىدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن ئىككى ياندىكى نېرۋا پۈرمىلىرى قارىمۇ قارشى ئۆسۈپ تەدرىجىي ھالدا مەركىزىي سىزىققا قاراپ تۇتىشىپ نېرۋا ئېرىقچىسىنى شەكىللەندۈرىدۇ ھەم تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ نېرۋا نەيچىسىگە ئايلىنىدۇ، بۇ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدۇ.
ئۇنىۋېرسال
shén jīng pēi
نېرۋا تۆرەلمىسى
Dتېببىي
shén jīng pēi
نېرۋا تۆرەلمىسى