Chinese→UyghurMain Dictionary
生态系统
بىئولوگىيە
ئېكولوگىيىلىك سىستېما
بەلگىلىك زامان ۋە ماكاندىكى ھەر خىل جانلىقلار ئوتتۇرىسىدا، جانلىقلار بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدا توختىماي ماددا ۋە ئېنېرگىيە ئالمىشىپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىر - بىرىگە تايانغان ۋە بىر - بىرىنى شەرت قىلغان ئاساستا ئۆز - ئۆزىنى ساقلىيالايدىغان ۋە تەڭشىيەلەيدىغان بەلگىلىك مۇستەقىللىككە ئىگە ئېكولوگىيىلىك تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئېكولوگىيىلىك تۈزۈلۈش ئېكولوگىيىلىك سىستېما دەپ ئاتىلىدۇ. باشقىچە ئېيتقاندا، ئېكولوگىيىلىك سىستېما - ئالاھىدە مۇھىتتىكى ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىشىپ تۇرىدىغان جانلىق سىستېما بىلەن جانسىز سىستېمىدىن ئىبارەت. بىر كۆل، بىر دەريا، بىر پارچە يەردىكى ئورمانلىق، بىر پارچە ئوتلاق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر ئېكولوگىيىلىك سىستېمىغا كىرىدۇ. سۈنئىي ئۇسۇلدا ياسالغان چوڭ مېۋىلىك باغ، شەھەر قاتارلىقلارمۇ ئېكولوگىيىلىك سىستېمىغا كىرىدۇ. ئېكولوگىيىلىك سىستېما ئادەتتە تۆت ئاساسىي قىسىمدىن تۈزۈلىدۇ: (1) جانسىز ماددا: بۇ سۇ، ئوكسىگېن، كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدى، ھەر خىل نىئورگانىك تۇزلار ۋە ئامىنو كىسلاتا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ (2) ئىشلەپچىقارغۇچىلار: ئاساسەن ئورگانىك ماددا ياسايدىغان يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ (3) ئىستېمال قىلغۇچىلار: ئاساسەن ھايۋانلارنى كۆرسىتىدۇ. ئىستېمال قىلغۇچىلار ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى ئورنىغا ئاساسەن، بىرلەمچى ئىستېمال قىلغۇچىلار، ئىككىلەمچى ئىستېمال قىلغۇچىلار ۋە ئۈچلەمچى ئىستېمال قىلغۇچىلارغا بۆلۈنىدۇ؛ (4) پارچىلىغۇچىلار (ياكى قايتۇرغۇچىلار دەپ ئاتىلىدۇ): بۇلار باكتېرىيە ۋە زەمبۇرۇغلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. كۆلچەك ئېكولوگىيىلىك سىستېمىسىنى مىسال قىلغاندا، كۆلچەكتىكى سۇدا ياشىغۇچى ئۆسۈملۈكلەر قۇياش نۇرى ۋە سۇدىكى نىئورگانىك ماددىلاردىن پايدىلىنىپ ئورگانىك ماددا ياسايدۇ. سۇدا ياشايدىغان ئۆسۈملۈكلەرنى يەيدىغان قاسراقلىق ھايۋانلار بىرلەمچى ئىستېمال قىلغۇچىلار، قاسىراقلىق ھايۋانلارنى يەيدىغان بېلىقلار ئىككىلەمچى ئىستېمال قىلغۇچىلار بولىدۇ. مۇشۇ ئوزۇقلۇق زەنجىرىدىكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆلگەندىن كېيىنكى جەسىتىنى مىكرو ئورگانىزملار ئاددىي بىرىكمىلەرگە پارچىلاپ، يېشىل ئۆسۈملۈكلەرنىڭ قايتا ئىشلىتىشىگە يوللاپ بېرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن جانلىقلار بىلەن جانسىز مۇھىت ئۆز ئارا تايىنىش ۋە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ماددا ۋە ئېنېرگىيىنىڭ يۆتكىلىشىنى تاماملايدىغان بىر ئوچۇق سىستېما تۈزۈلىدۇ.
ئېلېكترون، ئۇچۇر,دېھقانچىلىق,ئۆسۈملۈك,تېببىي,پۇل - مۇئامىلە,قانۇن
shēng tài xì tǒng
ئېكولوگىيىلىك سىستېماDئۇنىۋېرسال
shēng tài xì tǒng
ئېكوسىستېما، ئېكولوگىيىلىك سىستېما
Dتەبىئىي جۇغراپىيە
shēng tài xì tǒng
ئېكوسسىتېما، ئېكولوگىيىلىك سىستېما