Chinese→UyghurMain Dictionary
圣索非亚大教堂
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس سوفىيە ئىبادەتخانىسى
يۇانان تىلىدا Haga sophia دېيىلىدۇ، تەرجىمىسى <ئەۋلىيا> ئىبادەتخانىسى دېگەن مەنىدە. ۋىزانتىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پايتەختى كونستانتىنوپولدىكى ئەڭ مەشھۇر خرىستىئان دىنى ئىبادەتخانىسى. ھازىرقى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىدە. ئىمپېراتور يۇسىتنىئان تەختتىكى مەزگىلدە، ئارخېتىكتور مىلېتلىق ئىدورۇس ۋە ترارسلىق ئانتېمىس لايىھىلىگەن بولۇپ، بەش يىل (532 - 537) دا ئاساسەن پۈتۈن چىققان. كېيىن كۆپ قېتىم رېمونت قىلىنغان. ئىبادەتخانىنىڭ كۆلىمى تەخمىنەن 5.700 كۋادرات مېتىر. ئىبادەتخانىنىڭ كۆرۈنۈشى، رىم پوسۇنىدا يۇمىلاق تورۇس ۋە ئەگىم دەرۋازىلىق بولۇپ، ئوتتۇرىسىدىكى گومبەزنىڭ يەردىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 56 مېتىر كېلىدۇ. خانىقانىڭ ئىككى يان تەرىپى مەرمەر تۈۋرۈكلۈك كارىدور بولۇپ، تۆت تېمىغا رەسىم سىزىلغان ۋە مەرمەر ھەم رەڭلىك ئەينەكلەردىن ئىشلەنگەن رەسىملەر نەقىش قىلىنغان، رەسىملەرنىڭ كۆپىنچىسى <ئىنجىل - تەۋرات> تىكى ھېكايىلەر، بەزىلىرىدە خان - پادىشاھلار تەسۋىرلەنگەن. پۈتكۈل قۇرۇلۇشتىن نۇر چاقناپ تۇرغان بولۇپ، كۆركەم ۋە ھەشىمەتلىك. 1453-يىلى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان تۈركلەر كونستانتىنوپولنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئۇنى مەسچىتكە ئۆزگەرتكەن، كېيىن ئەتراپىغا ئۇچلۇق مۇنارلارنى سالغان. 1847-يىلى قايتا رېمونت قىلغان. 1953-يىلى مۇزېيغا ئۆزگەرتىلگەن. 1980-يىلى 8-ئايدا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ناماز ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر خانىقانى ئېچىپ بەرگەن.