Chinese→UyghurMain Dictionary
圣社
دىن
shèng shè ؛yǎ lì ān shè
ئاريە سەماج، ئاريە جەمئىيىتى، مۇقەددەس جەمئىيەت
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس جەمئىيەت
ئارىيانلار جەمئىيىتى دەپمۇ تەرجىمە قىلىنىدۇ. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىىمىدىكى ھىندى جەمئىيىتى ۋە دىننى ئىسلاھ قىلىش تەشكىلاتى. 1875-يىلى بومباي ھىندى دىنى ئىسلاھاتچىسى ساراسۋات قۇرغان. ئەزالىرى سودىگەر، قول - سانائەتچى، فېئوداللار ۋە راجپۇتانادىكى بىر بۆلۈك بەگ - غوجاملاردىن ئىبارەت. 1877-يىلى پائالىيەت مەركىزىي لاھورغا يۆتكەلگەن. ھىندىستاننىڭ باشقا جايالىرىدىمۇ شۆبە جەمئىيەت تەسىس قىلىنغان. قەقسىتى مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە دىننى ئىسلاھ قىلىش ئارقىلىق، مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يېڭى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئورنىتىشتىن ئىبارەت. قەدىمكى ئارىيانلارنىڭ دىنى جەمئىيىتىگە قايتىشنى تەرغىپ قىلىپ، <ۋېدا دەۋرىگە يېنىش> نى تەرغىپ قىلغان. تائىپە تۈزۈمى، بالا ۋاقتىدا نىكاھلىنىش ۋە بۇتاق چوقۇنۇشقا قارشى تۇرۇپ، تۇل قالغان ئاياللارنىڭ قايتا ياتلىق بولۇشى ۋە ئاياللار مائارىپىنى قوللاپ قۇۋەتلىگەن، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەن. 1891-يىلى ئەزاسى 40 مىڭغا يەتكەن. ⅨⅩ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، ⅩⅩ ئەسىرنىڭ باشلىرىدىن باشلاپ بۆلۈنۈپ، بىر گۇرۇھ غەرب مائارىپىنى يولغا قويۇشنى ھەمدە لاھوردا داياندا ئەنگلىيە - ۋېدا ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. يەنە بىر گۇرۇھ ھازىرقى تۇرمۇشىدا ۋېدا غايىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ھەمدە 1902-يىلى خارۋاردا گۇرۇكۇل ئىنىستىتۇتىنى قۇرۇشنى ھىمايە قىلغان.
دىن
圣社(雅利安社
shèng shè
印
ھىندى دىنى
ئاريە سەماج، ئاريە جەمئىيىتى، مۇقەددەس جەمئىيەت
دىن
shèng shè
基
خىرىستيان دىنى
مۇقەددەس كۇلۇب