Chinese→UyghurMain Dictionary
生活性
بىئولوگىيە
ياشاش تىپى
نۇرغۇنلىغان ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئوخشاش ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئوخشاشلىپ ماسلىشىشى نەتىجىسىدە ئىپادىلىنىدىغان شەكىل (ياكى ياشاش تىپى). ياشاش تىپى ئوخشاش بولغان جانلىقلارنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش جەريانى ۋە ئۇسۇلى ئوخشاش بولىدىغانلىقى ياكى ئوخشىشىپ كېتىدۇ. مەسىلەن، يۆگىشىپ ياشايدىغان پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈكلەر كلاسسىفىكاتسىيىلىك سىستېمىسىدا تامامەن ئوخشىمايدىغان نۇرغۇن تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئەكسىچە، كلاسسىفىكاتسىيىدە ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئىنتايىن يېقىن بولغان ئۆسۈملۈكلەر ئوخشاش بولمىغان ياشاش تىپىغا كىرىدۇ. مەسىلەن، پۇرچاق ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ نۇرغۇن تۈرلىرىنىڭ ياشاش تىپى كۆپ خىل بولۇپ، دەرەخ (مەسىلەن، تۇخۇمەك، سىرىس)، چاتقان (مەسىلەن، قارىغاي، بەڭگە تال)، پېلەك غوللۇق ئۆسۈملۈك (مەسىلەن، ۋىستېرىيە پېلىكى) ۋە سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك (مەسىلەن، بېدە، ئۈچ قۇلاق) قاتارلىق ياشاش تىپلىرىغا بۆلۈنىدۇ.