Chinese→UyghurMain Dictionary
圣殿骑士团
دىن
shèng diàn qí shì tuán
基
خىرىستيان دىنى
ئىبادەتخانا چەۋەندازلىرى
دۇنيا تارىخى
مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكى
ئىبادەتخانا رىتسارلار پولكى دەپمۇ تەرجىمە قىلغان. بىرىنچى قېتىملىق ئەھلىسەلىپنىڭ شەرققە قىلىنغان تاجاۋۇزى (1096 - 1099) دىن كېيىن، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئەھلىسەلىپ دۆلەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن، تەخمىنەن 1118-يىلى ئېرۇسالىمدا قۇرۇلغان دىنىي خاراكتېردىكى فېئوداللىق ھەربىي تەشكىلات. ئاساسەن فرانسىيە رىتسارلىرىدىن تەركىب تاپقان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، رىتسارلار پولكى باشلىقلىرىنىڭ ئەڭ بۇرۇن تۇرغان جايى ئېرۇسالىمدىكى بىر مۇقەددەس قەسىرنىڭ يېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ نام بىلەن ئاتالغان. رىتسارلار پولكى شەرق ۋە غەربىي ياۋروپادا بىرمۇنچە يەر مۈلكىنى ئىگىلىگەن، غەربىي ياۋروپادا جازانىخورلۇق ۋە پۇل كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان. 1291-يىلى ئەھلىسەلىپ پەلەستىندىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆەتلەرگە كىرىپ، پائالىيەت قىلغان. كېيىن فرانسىيە كورۇلى بىلەن پاپانىڭ توقۇنۇشىدا كېيىنكىسىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن، فرانسىيىدىكى كۆپلىگەن ئەزالىرى 1307-يىلى 12-ئايدافرانسىيە كورۇلى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، مال - مۈلۈك مۇسادىرە قىلىنغان. 1312-يىلى فرانسىيە كورۇلى فىلىپ Ⅳ نىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، پاپا كلېمېنت Ⅴ مۇقەددەس قەسىر رىتسارلار پولكىنى تارقىتىۋەتكەن.