Chinese→UyghurMain Dictionary
深层培养
بىئولوگىيە
چوڭقۇر قەۋەتتە ئۆستۈرۈش
ئېچىتىش ئىشلەپچىقىرىشىدا زور مىقداردىكى ھۈجەيرە ماددىلىرى ۋە مېتابولىزم مەھسۇلاتىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىتىىدىغان بىر خىل سۇيۇق ئۆستۈرگۈچتە ئۆستۈرۈش ئۇسۇلى. بۇنىڭدا ئوكسىگېنلىق ئۆستۈرگىلىمۇ، ئوكسىگېنسىز ئۆستۈرگىلىمۇ بولىدۇ، ئوكسىگېنلىق ئۆستۈرۈشكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، چوڭقۇر قەۋەتتە ئۆستۈرۈشتە ئارىلاشتۇرۇش ۋە تېمپېراتۇرىنى تۇراقلىق ساقلاش كونترول سىستېمىلىرىدىن باشقا، يەنە باكتېرىيىسىز ھاۋا كىرگۈزۈش سىستېمىسى تەلەپ قىلىنىدۇ. ئۆستۈرگۈچنى ئارىلاشتۇرغاندا باكتېرىيىسىز ھاۋا بىلەن باكتېرىيە تولۇق ئارىلىشىپ، باكتېرىيە تەنچىسىنىڭ زور مىقداردا كۆپىيىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن مەھسۇلات ھاسىل بولۇشقا ياخشى ئاساس سېلىنىدۇ. بۇ خىل ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنىڭ سانائەتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، بەلگىلىك ئۈسكۈنە ۋە شارائىتقا مۇھتاج. بۇنى يۈزدە ئۆستۈرۈشكە ئوخشاش ئۇنداق ئاسان كېڭەيتكىلى بولمايدۇ.