Chinese→UyghurMain Dictionary
社美
دۇنيا تارىخى
دۇمېر
(1857 - 1932) فراسنيە زۇڭتۇڭى (1931 - 1932). 1888-يىلى پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. كېيىن كۆپ قېتىم مالىيە مىنىستىرى (1895 - 1896، 1921 - 1922، 1925 - 1926 - يىللىرى)بولغان 1897 - 1902 - يىللىرى فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى دومىنىئونىنىڭ باش ۋالىيىسى بولۇپ، مۇستەملىكىلەردىكى خەلقنىڭ مىللىي ئازاسلى ھەرىكىتىنى باستۇرغان. 1902-يىلى يەنە پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1905-يىلى پارلامېنت باشلىقى بولۇپ سايلانغان. 1906-يىلى زۇڭتۇڭ سايلىمى رىقابىتىگە قاتنىشىپ مەغلۇپ بولغان. 1912-يىلدىن باشلاپ كېڭەش پالاتاسى ۋە باشلىقى (1927 - 1931) بولغان. 1931-يىلى 5-ئايدا جۇمھۇرىيەت زۇڭتۇڭى بولۇپ سايلىنىپ، 1932-يىلى 5-ئايدا بىلوروسىيىلىك ئاق گۋاردىيىچى ئۇنسۇر پاۋېل گورگۇلوۋ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن. ئۇنىڭ <فرانسىيىگە قاراشلىق ھىندىچىنى> ناملىق ئەسىرى بار.