UyghurMain Dictionary
شەكىل ئاساسى
پسىخولوگىيە
بۇ گېشتالت پىسخولوگىيىسىدىكى بىر ئۇقۇم. شەكىل دېگىنى رەسمنى، ئاساسى دېگىنى ئاساس ( تەگلىك ) نى كۆرسىتىدۇ. شەكىل ئاساسى رەسىم بىلەن ئاساسنىڭ مۇناسىۋىتىنى كۆرسىتىدۇ. دانىيلىك پىسخولوگ رۇبىن ( 1886 - 1951 ) 1912 - يىلى قىياپەتنى ئىدراك قىلىشتا بىر خىل پىسخىكىلىق ھادىسىنى تاپقان. يەنى كۆرۈش دائىرىسىنىڭ بىر قىسمى دائىرىسى ئېنىق، تۈزلۈشى ھىم شەكىللەنگەن رەسىم بولۇپ، قالغان قىسمى غۇۋا كۆرۈنىدىغان ئاساس ( ئارقا كۆرۈنۈش ) بولۇپ شەكىللەنگەنلىكىنى بايقىغان. مۇئەييەن شارائىتتا شەكىل بىلەن ئاساس ئۆزئارا ئالمىشىدىكەن. شەكىل ئاساسى ھادىسىسى كۆرۈنۈش سەزگۈسى بىلەنلا چەكلەنمەيدىكەن. مەسلەن: ئاڭلاش سەزگۈسىدە بىر خىل دومباق ئاۋازى باشقا شاۋقۇنلۇق ئارقا كۆرۈنۈش ئىچىدە ئالاھىدە بىر ئاۋاز بولۇپ شەكىللىنىدىكەن. مانا بۇ خىل ھادىسىنى گېشتالت پىسخولوگىيىسى بارلىق پىسخىك ھادىسىلەرنى چۈشەندۈرۈشتە قوللانغان ھەمدە بۇنى تەشكىلىي قۇرۇلما ( گېشتالت ) شەكىللىنىشنىڭ نەتىجىسى دەپ ئىزاھلىغان.