UyghurMain Dictionary
شەيتان
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم
جىن، ئىبلىس، مەلئۇن.
شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەك. * شەيتاننىڭ شاپتۇل يېگىنىگە مەن ھەيران (ماقال) . * * ئالدىرىغان ئىشقا شەيتان ئارىلىشار (ماقال). * پەرىشتىنىڭ ئىشىدىن شەيتان قىزغىنىپتۇ (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ياغاچچىلىق سايمىنى، نەرسە يۈزىنىڭ تەكشىلىكىنى ئۆلچەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
شوخ، چاققان، ھەرىكەت ۋە قىلىقلىرى ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان (بالىلار ھەققىدە) .
قارا بۇ شەيتاننى ! چوڭ ئادەمنىمۇ ئالداپتۇغۇ!
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
شەيتان، مەككار، ھىيلىگەر، يولدىن ئازدۇغۇچى:
لەندىنىڭ فىغانى مىسلى شەيتاننىڭكى ۋەسۋاسى،
ئۆز مامەندى خەنناسى ھەمە ئىللەتدە سەنناسى.
موللا نىياز.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
ئازدۇرغۇچى، ئىبلىس.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دىنىي ئەقىدىلەر، چۆچەكلەردە دېيىلىدىغان ئادەمنى ئازدۇرىدىغان، ئادەمگە زىيانداشلىق قىلىدىغان مەخلۇق.
جىن قورققاننى قورقۇتىدۇ. جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا. شەيتاننىڭ پەيلى. شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمە. شەيتانغا بارمىقىڭنى بەرسەڭ، قولۇڭنى تارتار. ئۇ خۇداغىمۇ ئىشىنىدۇ، ئالۋاستىغىمۇ ئەگىشىدۇ. ئەل نەزەرىدە ئايال ئەمەس پەرىشتە، ئۆيدە ھازازۇل جېدەل تېرىشتا. ئۆتكۈن ئۆتتى دېگەن گەپنى خېلى ئاڭلدىن. بالىنى قورقۇنچاق ئۆستۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
چۈشىدە جىنسىي قوزغىلىشتىن مەنى كەلمەك.
ئەرلەرنىڭ بەزىدە چۈشىدە شەيتان ئاتلىشى، يەنى ئېھتىلام بولۇشى نورمال فىزىئولوگىيىلىك ھادىسە، لېكىن كۆپ قېتىم بولۇش كېسەللىك ئالامىتى، نېرۋا ئاجىزلىقى، جىنسىي كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك. داۋالىنىش كېرەك.
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
قۇرئاندا تىلغا ئېلىنغان ئالۋاستى. بۇ سۆز تۆۋەندىكى ئىككى مەنبەدىن كەلگەن : (1) ئىبرانىي تىلىدىكى «ساتان» دېگەن سۆز بولۇپ، «رەت قىلغۇچى» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ؛ (2) ئەرەبلەردىكى كۆپ ئىلاھلىق دىندىكى ئەڭ تەكەببۇر، ئەڭ كۈچلۈك جىن. يۇقىرقى ئىككى مەنبەنىڭ كېيىن قانداق ئارىلىشىپ كەتكەنلىكى ھەر خىل رىۋايەت قىلىنىدۇ. «قۇرئان كەرىم» دىمۇ بۇ ئاتالغۇنىڭ ئىشلىتىلىشى بىرلىككە كەلمىگەن. بەزىدە ئىبلىس بىلەن ئوخشاش مەنىدە ئىشلىتىلىپ، ئالۋاستىلارنىڭ سەركەردىسى كۆزىدە تۇتۇلغان، بەزىدە ئادەتتىكى ئالۋاستى كۆزىدە تۇتۇلغان. شەيتاننىڭ جىن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئېنىق ئەمەس. بەزىلەر ئاللاغا ئېتىقاد قىلمايدىغان جىن كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دېسە، بەزىلەر جىنلارنىڭ ئەجدادى كۆزدە تۇتۇلىدۇ، دەيدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
ئى <دىن> دىنىي چۈشەنچە بويىچە، ئادەملەرنى دىن يولىدىن ئازدۇرغۇچى، يامانلىققا، بەتقىلىقلىققا باشلىغۇچى ئەپسانىۋى مەخلۇق، ئىبلىس.
شەيتانغا <توپا يەمسەن؟> دېسە <يېغى بارمۇ؟> دەپتۇ (ماقال).
سۈپ. كۆچمە. شوخ، چاققان، ھەرىكەت ۋە قىلىقلىرى ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان (بالىلار ھەققىدە).
- ھەي شەيتان قىز، مېنى ئالداپسىز - دە، - دېدى نۇرۇم.
ئى. كۆچمە. سەلب. قارانىيەت، ئالدامچى، ھىيلىگەر، مەككار، شۇم نىيەت.
- ئۇنىڭ كاللىسى ئەجنەبىي شەيتانلارنىڭ رامكىسى بىلەن تولۇپ كەتكەن، ئۇنىڭ دەۋاتقانلىرى ئەجنەبىيلەرنىڭ سۆزى، - دەپ ۋارقىرىدى ئۇ.
ئى. ئادەمنى ئېزىقتۇردىغان ھېس، ئادەمنى يامان ئىشلارنى قىلىشقا ئۈندەپ تۇرىدىغان ئىچكى تۇيغۇ.
- ئامەت بىلەن ئاپەت، - دېدى ساھىبجامال ئايال ئارقىدىن، - دائىم بىر ئۆيدە قونغۇدەك، قىزىلگۈل بىلەن تىكەن بىر شاختا تۇرغۇدەك، شەيتاندىنمۇ ئادەم شەيتىنى يامان بولغۇدەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئەرەبچە
گورىزونتال تەكشىلىكنى ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. رامكا بىلەن ئىچىگە ئېتىل ئېغىر ياكى ئىسپرىت قاچىلانغان ئەينەك نەيچىدىن تۈزۈلىدۇ. نەيچە ئىچىدە بىر دانە كۆپۈك قالدۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ باشتىن - ئاخىر نەيچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسىدا تۇرىدۇ. شەيتان گورىزونتال تەكشىلىكتە تۇرغاندا، كۆپۈك نەيچىدىكى شكالىنىڭ ئوتتۇرىسىغا كېلىدۇ، بۇ شۇنداق ئەسۋابنىڭ بىر خىلى.