UyghurMain Dictionary
شەيدا
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاشىق، مەپتۇن:
ئەگەر ئول گۇل گۇزەر قىلسە چەمەن سارى، بولۇرگۇللار،
بىرى مەستۇ برى بىخۇد، بىرى ۋالە، بىرى شەيدا.
ئەرشى.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
ئاشىق، ئاۋارە، مەپتۇن، بېرىلىش: شەيد ئاللا - ئاللاغا ئاشىق.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا ياكى بىرەر نەرسىگە جان - دىلىدىن بېرىلمەك.
<قىلماق>، <بولماق> لار بىلەن پېئىللىشىدۇ.
ئۇ نازىنىن گۈزەل جىلۋىسى بىلەن مېنى مەپتۇن قىلدى. كىيىم كۆزنىلا مەھلىيا قىلار، بىلىم ئالقىشقا ئىگە قىلار. چىرايلىق سۆزۈڭگە بولما مەھلىيا، سۆزۈڭدىن ئىشىڭنى بېزەت ئاۋۋالا. بىر كۆرۈپ مەستانە بولغاندا ئىشەنچ يوق. ۋاپادا ئوخشىما بۇلبۇلغا ئەسلا، ھەر ئان ئۇ ئۆزگە گۈل شېخىدا شەيدا. مەنزىلىم ئىدى يىراق، ئەسىر قىلدى بىر قاراپ. ئىشىق ئوتىدا بولدۇم پەرۋانە، ئەندى بولاي دىۋانە
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
پارىسچە
ھەددىدىن ئارتۇق مەپتۇن بولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن بېرىلگەن ئاشىق.
شەيدا بولماق.
بىرەر نەرسىگە ھەددىدىن ئارتۇق قىزىقىش بىلەن بېرىلگۈچى، مەستانە.
شەيدا قىلماق.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
پارىسچە
ئاشىق بولماق، ئاللاغا ئاشىقلىق قىلماق، ئاشىق