UyghurMain Dictionary
شەبى بەرات
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ پارسچە سۆزنىڭ مەنىسى <تۆۋە قىلىش>، <گۇناھىنى يۇيۇش> دېگەنلىك بولىدۇ. ھىجرىيە 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى كېچىسى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. رىۋايەت قىلىنىشچە، شۇ كېچىسى ئاللا كىشىلەرنىڭ ھاياتىدا كۆرىدىغان راھىتى بىلەن تارتىدىغان جاپاسىنى بەلگىلەيدىكەن. مۇسۇلمانلار شۇ كېچىسى مەسچىتلەردە كوللېكتىپ ئىبادەت قىلىدۇ، قىرائەت قىلىدۇ، خەير - ساخاۋەت قىلىدۇ.