Uyghur←ChineseMain Dictionary
شىباۋ
دۇنيا تارىخى
锡袍
xī páo
(1858 - 1916). بىرما ئالۇڭپايا خاندانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمرانى (1878 - 1885) مىندوننىڭ كىچىك ئوغلى. تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ ئەنگلىيەگە قاراتقان سىياسىتىنى داۋاملىق يۈرگۈزۈپ، ئەنگلىيەنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان. 1885 - يىلى 5 - ئايدا فرانسيە بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ، فرانسىيىلىكلەرنىڭ بېرمىدا تۆمۈريول ياسىشىغا، بانكا ئېچىشىغا يول قويغانلىقى ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ نارازىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا، ئەنگىليە تېكتون دەرىخى ئەنزىسىنى باھانە قىلىپ، ئۈچىنچى قېتىملىق ئەنگلىيە - بىرما ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇرۇش داۋامىدا ئەنگلىيە قوشۇنى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەن. كېيىن ھىندىستان بومباي ئۆلكىسىنىڭ راتناگىرى ئارىلىغا سۈرگۈن قىلىنىپ، شۇ يەردە ئۆلگەن.