Uyghur←ChineseMain Dictionary
شاتېئوبرىئاند
دۇنيا تارىخى
夏多勃里昂
xià duō bó lǐ áng
(1768 - 1848) فرانسىيىلىك يازغۇچى. ئاقسۆڭەك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. بوربۇن سۇلالىسىنىڭ سادىق ھىمايىچىسى. 1789 - يىلى بۈيۈك ئىنقىلاب پارتلىغاندىن كېيىن، ئىنقىلابقا دۈشمەنلىك بىلەن قارىغان، 1791 - يىلى ئامېرىكىدا قاچقۇن بولغان. لۇئى ⅥⅩ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ياۋرۇپاغا قايتىپ، قاچقۇن ئاقسۆڭەك كوندې شاھزادە (1736 - 1818) ئۇيۇشتۇرغان ئەكسىلئىنقىلابىي ھەربىي پائالىيەتكە قاتناشقان. ئۇرۇشتا يارىدار بولۇپ، يەنە بىر قېتىم بېلگىيە ۋە ئەنگىلىيىدە قاچقۇن بولۇپ، ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان. 1800 - يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ناپولىئون تەرىپىدىن رىمدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كاتىپى ۋە شۋېتسارىيە ۋاللې كىنەزلىكىدە تۇرۇشلۇق ئەلچى قىلىپ تەيىنلەنگەن. 1814 - يىلى ناپولىئون گېرتسوگ ئانجىئاننى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، <مېركورى گېزىتى>نى چىقىرىپ، ناپولىئونغا ھۇجۇم قىلىپ، ئەنئەنىۋى خاندانلىقنىڭ قوغدىغۇچىسى بولۇپ قالغان. 1181 - يىلى <پارىژدىن ئېرۇسالىمغىچە قىلىنغان ساياھەت خاتىرىسى>نى ئېلان قىلغان ھەمدە فرانسىيە پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان. لېكىن ناپولېئون ئۇنى رەت قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۆيىدە تەركىدۇنيا بولۇپ تۇرغان. 1814 - يىلى بوربۇن خاندانلىقى تىرىلگەندىن كېيىن پارىژغا قايتىپ، ئاقسۆڭەكلەر پالاتاسىنىڭ ئەزاسى بولغان. كۆپ ئۆتمەي تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغان، <مۇقەددەس ئىتتىپاق> پائالىيىتىنى ئاكتىپ قوللىغان. ۋېرونا يىغىنىدا، ئەسكەر چىقىرىپ ئىسپانىيىگە تاجاۋۇز قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 1830 - يىلى ئىيول ئىنقىلابىدىن كېيىن مەخسۇس يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان. ئۇنىڭ ئاساسىي ئەسەرلىرى: <ئىنقىلاب تارىخى ھەققىدە>، <خرىستىئان دىنىنىڭ ھەقىقىي قائىدىلىرى>، <رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بولۇشى ھەققىدىكى تارىخىي تەتقىقات>، <ۋېرونا يىغىنى> ۋە <قەبرە سىرتىدىكى ئەسلىمە>قاتارلىقلار.