Uyghur←ChineseMain Dictionary
شارى دەرياسى
Domain: دۇنيادىكى شەھەرلەر沙里河
shā lǐ hé
ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى مۇھىم ئىچكى دەريا. باش مەنبەسى ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىمالىدىن باشلىنىدىغان ئاۋك دەرياسى، بامىنگې دەريالىرىدىن تەشكىل تاپقان. بۇ ئىككى دەريا قوشۇلۇپ چاد تېررىتورىيىسىگە ئېقىپ كىرگەندىن كېيىن سارىخ ئەتراپىدا ناۋام، سالامات دەريالىرى بىلەن قوشۇلۇپ داۋاملىق غەربىي شىمالغا ئېقىپ ئىنجامىنا شەھىرىنىڭ يېنىدا لوگون دەرياسى بىلەن قوشۇلۇپ چاد، كامېرون دۆلەتلىرىنىڭ چېگرىسىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ ئېقىپ چاد كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. چاد كۆلىگە قۇيۇلۇش رايونىدا دېلتا تۈزلەڭلىك شەكىللەندۈرگەن. ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 1400 كىلومېتىر كېلىدۇ، كۆلىمى 650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ. دەريا ئاغزىدىكى ئوتتۇرىچە ئېقىن مىقدارى 1222 كۇب مېتىر سېكۇنتقا يېتىدۇ (بۇنىڭ 45% ى لوگون دەرياسى تەمىنلەيدۇ) چاد كۆلى سۇ مەنبەسىنىڭ 3/2 قىسمىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدۇ. دەريا ئاغزىدىن يۇقىرى ئېقىمغا قاراپ 800 كىلومېتىرغىچە بولغان ئارىلىقتا قاتناش قىلىشقا بولىدۇ. دەريا ئەتراپىدا يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، پاختا، ئاشلىق زىرائەتلىرى ئۆستۈرۈلىدۇ.
About this entry
This is a Uyghur–Chinese dictionary entry.
Sourced from Main Dictionary in Lughet's collection.
This word also appears under other sources in Lughet's collection — see the list below.