UyghurMain Dictionary
شار
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
شەھەر؛ دۆلەت.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە
<مات> يېرىم چەمبەر ئۆز دىئامېتىرى ئەتراپىدا بىر قېتىم ئايلىنىشىدىن ھاسىل بولغان گېئومېتىرىيىلىك شەكىل.
شار سىرتى. شار سېگمېنتى. شار مەركىزى.
شۇ شەكىلدىكى نەرسە.
پولات شار. يەر شارى. ئاي شارى. شەرقىي يېرىم شار. غەربىي يېرىم شار.
نېپىز رېزىنكە، كاۋچۇك يالىتىلغان رەخت ۋە سۇلياۋ قاتارلىقلاردىن ياسىلىپ، ئىچىگە ھاۋا، ھىدروگېن ۋە گېلىي قاتارلىقلار قاچىلىنىدىغان يۇمىلاق خالتىسىمان بۇيۇم.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
تەقلىد
سۇيۇقلۇقلارنىڭ تېز سۈرئەت بىلەن ئېقىشى ياكى تۆكۈلۈشى ۋە ياكى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە چۈشۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاۋاز.
ئەمدىلا يېرىم يولغا كەلگەندە تۇيۇقسىز شار قىلىپ يامغۇر يېغىپ كەتتى.