—Reference
شىق
ئۆلچەم بىرلىكلىرى
فون گابائىننىڭ كۆرسىتىشىچە شىق خەنزۇ تىلىدىكى <石> دىن كەلگەن بولۇپ، بىر <شىق> 10 كۈرىگە تەڭ بولىدۇ. <خەنزۇچە - ئۇيغۇرچە لۇغەت> تە بىر <石> - دادەن دەپ تەرجىمە قىلىنغان ۋە بىر 石 10 كۈرەگە تەڭ دېيىلگەن.
تۇرپاندىن تېپىلغان ئىجتىمائىي - ئىقتىسادقا دائىر ھۆججەتلەردە <توققۇز شىق ئالتى كۈرى>، <ئىككى شىق تېرىق> دېگەندەك ئىبارىلەر بار. دېمەك <شىق> - <كۈرى> (كۈرە) دىن چوڭ. ئۇ يەنە يەر كۆلىمىنى ئىپادىلەشتىمۇ قوللىنىلغان. <بىر شىق يەر = بىر دادەن ئۇرۇق چېچىلىدىغان يەر> بولىدۇ.