Chinese→UyghurMain Dictionary
沙普尔二世
دۇنيا تارىخى
شاپۇر Ⅱ
(309 - 379) ئىران ساسانىلار سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى (309 - 379). تۇغۇلۇپلا پادىشاھ بولغان. ئون ئالتە يېشىدىن باشلاپ دۆلەتنى ئۆزى سوراشقا باشلىغان. مىلادى 337 - 350 - يىللىرى رىم ئىمپېرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغان. ئۈچ نۆۋەت نىسبىس شەھىرىنى قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ ئالالمىغان. 483 - يىلى ئىمپېراتورى كونستانتىن Ⅱ (337 -361 - يىللىرى تەختتە بولغان)نى مەغلۇپ قىلغان. 350 - 357 - يىللىرى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، بېسىپ كىرگەن ھونلارنى مەغلۇپ قىلىپ،ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن. 359 - يىلى يەنە بىر نۆۋەت رىم ئىمپېرىيىسىگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ، ئامىدا (ھازىرقى دىياربەكىر)، سىنگارا قاتارلىق جايلارنى ئىشغال قىلىۋالغان. 363 - يىلى، رىم ئىمپېراتورى يۇلىئان (بىدئەت) ئىرانغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ، ئۇزاق ئۆتمەي جەڭدە ئۆلگەن، رىم ئىمپېرىيىسى سۈلھ قىلىشنى تەلەپ قىلىشقا مەجبور بولغان. شۇ يىلى شاپۇر Ⅱ رىمنىڭ يېڭى ئىمپېراتورى جوۋىئان (363 - 364 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان) بىلەن ئوتتۇز يىللىق سۈلھ شەرتنامە ئىمزالاپ، بۇرۇن رىم ئىمپېرىيىسىگە كېسىپ بېرىلگەن تىگرىس (دەجلە) دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەش ئۆلكىسىنى قايتۇرۋالغان ھەمدە نىسبىس ۋە سىنگارا قاتارلىق جايلارغا ئىگە بولغان. يەنە ئۇزاق ئۆتمەي ئەرمىنىيىنىمۇ ئىستىلا قىلغان. ئالاھازەل 339 - يىلدىن باشلاپ زېمىنى ئىچىدىكى خرىستىئانلارغا زىيانكەشلىك قىلغان. سۈزا شەھىرىنى قايتا قۇرۇپ چىققان، نىشاپۇر شەھىرىنى يېڭىدىن بەرپا قىلغان.